19.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1566555
19.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 18-يانۋار) بايانات ئېلان قىلىپ، مائارىپتىن سەھىيەگىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچە، سانائەتتىن سودىغىچە بولغان ھەر ساھەدە، مۇۋاپىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «ئىقتىسادتا كۈچلۈك يۈكسېلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى قىلىپ، ئىلغار سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادىي ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان قاراش بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يىراققا قاراش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇسبەت كۈنتەرتىپنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ساكاريا گازلىقدا تەبىئىي گاز بايقالغاندىن كېيىن، بۇرغىلاشقا باشلانغان «1-تۈركئەلى» قۇدۇقىدىكى بۇرغىلاشنىڭ 77 كۈندە ئاخىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى 2020-يىلى 5-نويابىر باشلىغان بۇرغىلاش خىزمەتلىرىدە، «1-تۈركئەلى» قۇدۇقى 3 مىڭ 920 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بۇرغىلاندى.

«ساباھ گېزىتى»، ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان مۇغلانىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  مەزگىلى بولسىمۇ، سۇنۇلغان بىخەتەر ساياھەت خىزمەتلىرى سايىسىدا، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ۋاز كەچمەس ساياھەت ماكانىغا ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇغلاغا ئۆتكەن يىلى (2020) 695 مىڭ 314 ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدىن 309 مىڭ 717 ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكى ۋە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر 159 مىڭ 397 كىشى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئۇكرائىنالىق ساياھەتچىلەر 127 مىڭ 564 كىشى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، پولشالىق ساياھەتچىلەر 17 مىڭ 424 كىشى بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا ۋە گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر 16 مىڭ 313 كىشى بىلەن بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر