13.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1562708
13.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى باش ئەلچىلەر يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى باش ئەلچىلەر يىغىنىدا، گىرېتسىيەگە چاقىرىقتا بولۇپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنى سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز،  شەرقىي ئاقدېڭىزنى بىر رىقابەت ساھەسى بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتلىرىمىزگە پايدىلىق ھەمكارلىق ئويمانلىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات كۈنتەرتىپىمىزدە ئىرادىمىز قەتئىيدۇر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى قوللىشى كېرەك، بىز <كېلەچىكىمىز ياۋروپا> دەپ قارايمىز، دەرۋەقە، ياۋروپانى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىللىي تىك ئۇچار ئايروپىلان موتورى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت ئىچىدە ئومۇمىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان «Gökbey» ناملىق تۇنجى يەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانغا سەپلىنىدىغان مىللىي تىك ئۇچار ئايروپىلان موتورى «TEI-TS1400» نىڭ تۇنجى نۇسخىسى، «TS3» دىن كېيىن «TS4» مۇ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مېۋە - چىۋە ئىسكىلاتى شەرقىي ئاقدېڭىز ئاپېلسىن ئېكسپورتىدا ئالدىنقى رەتكە تىزىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ئاپېلسىن ئېكسپورتىنىڭ % 71 تى ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەرسىن، خاتاي ۋە ئادانا ۋىلايەتلىرىدىن، ئالدىنقى يىلى چەت ئەللەرگە 661 مىليون 787 مىڭ دوللارلىق ئاپېلسىن سېتىلدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئاۋۋال ھاقان چاۋۇشئوغلۇ، ئەمدىلىكتە يۈسۈف يازىجى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈرك پۇتبولچىلار ياۋروپادا چولپانغا ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىتالىيەدە ھاقان چاۋۇشئوغلۇ دېكابىر ئېيىدا «ئاينىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ قېتىم يۈسۈف يازىجى، فىرانسىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە. فىرانسىيە 1 - پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كوماندىلىرىدىن لىللې كوماندىسى ماھىرى مىللىي پۇتبولچى، مەملىكەتلىك كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (UNFP) تەرىپىدىن «بۇ ئاينىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىسى» مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى. 12-ئاينىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىسى،  UNFP نىڭ تور بېتى ئارقىلىق تاشلىنىدىغان بېلەتلەر ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر