12.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1561962
12.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا ياسالغان ۋاكسىنانى تۈركىيەگە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى، گېرمانىيەدە ياسالغان ۋاكسىنا توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەنلىكلىرىنى ۋە رۇسىيەدە ياسالغان ۋاكسىنانى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى؛ ۋاكسىنانىڭ بەلگىلەنگەن كۈندە تەرتىپ بويىچە ئەملەشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۆزئارا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلارنىڭ 61-قېتىملىقىنىڭ 25-يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلقىنى خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە 2002-يىلى 12-مارت ئەگە دېڭىزى مەسىلىلىرىنى ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان، ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىش مەقسىتىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنى باشلىغان بولۇپ، 60-قېتىملىق ئۇچرىشىش 2016-يىلى 1-مارت ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان ئىدى.

«ستار گېزىتى»، رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا، تاغلىق قاراباغ رايونى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرغان مەزگىلدە تاقالغان ئىقتىسادىي ۋە قاتناش تورلىرىنى گۈللەندۈرىدىغان ئورتاق خىتابنامەنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تۆمۈر يولى ۋە تاشيول تورلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجان نەھچىۋان ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق تۈركىيە بازىرىغا كىرەلەيدىكەن. تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يول تورىمۇ قۇرۇلىدىكەن.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، چەت ئەللىكلەرگە ئۆي-زېمىن سېتىش شىركىتى بولغان نېۋىتا (Nevita) نىڭ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان شەھەرلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياۋروپادىكى شەھەرلەر ئارىسىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىۋاتقان شەھەر ئىستانبۇلنىڭ، ئەڭ جەپ قىلارلىق شەھەر بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

چەت ئەللىكلەر 2019-يىلى 20 مىڭ 857 يۈرۈش، ئۆتكەن يىلى (2020) ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدىمۇ يانۋاردىن نويابىر ئېيىغىچە 16 مىڭ 867 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان.

«ساباھ گېزىتى»، تۈرك كارخانىچى ھاجى سابانجىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى مۇساپىسىنى ئىنتايىن ياخشى باشقۇرغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيتىگە قارىغاندا بۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھاجى سابانجى مۇنداق دېگەن:

«سەھىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىمىز، دوختۇرخانىلىرىمىز ۋە سەھىيە خادىملىرىمىز بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك دۆلەتمىز. باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا، ئەھۋالىمىز ناھايىتى ياخشى. ئەمدى ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى باشلىنىدۇ. بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە دۆلەتمىز، تېز ئەسلىگە كېلىمىز.»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر