09.12.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1542209
09.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدا ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندە قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلغان ئاياسوفيائى كەبىر جامەسى شەرىفىگە ھۆسىنخەت رامكىسى تەقدىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۆسىنخەتنى مەھمەت ئۆزچاي يازغان بولۇپ، سۈرە ئال ئىمراننىڭ 159-160- ئايەتلىرى يېزىلغان ئىكەن.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 8-دېكابىر) ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سىييارتو (Peter Szijjarto) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنىڭ پەقەت دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە بىلەن ھەل بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى(AK Parti)  نىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئۈستۈن قاراباغ جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ، «فىرانسىيە قاراباغنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۈستۈن قاراباغنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك، ئۇ يەردىكى ئىشغالىيەتنى تەستىقلىدىم دېگەنلىكتۇر. بۇ ب د ت قارارلىرىغا خىلاپ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 8-دېكابىر) ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «7-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ۋېنگرىيە ئارىلاشما ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنى» دا، تۈركىيەگە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۈتكەندىنمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان مەزگىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇستافا ۋارانكنىڭ: «بىز ئۈچۈن چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچى يوق، كارخانىچىلار بار. كېلىڭلار تۈرك مېھماندوستلۇقى بىلەن تونۇشۇڭلار، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىڭلار» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، ئوتتۇرا شەرق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان رادىياتسىيە تېخنىكا راكېتاسىنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يەر شارىغا قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر