16.10.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1510255
16.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى، «ئەردوغان: قەيەردە زۇلۇم بولسا، تۈركىيە ئۇ يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا (تۇرىدۇ، دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن مەزلۇملار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، زۇلۇمنى تاماشا قىلىپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «لىۋىيەدە زۇلۇم بار. سۈرىيەدە 910 كىلومېتىرلىق چېگرايىمىز بويىدا زۇلۇم بار. سومالىدا زۇلۇم بار» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەزەربەيجاندا ئەرمەنلەرنىڭ زۇلۇمى بار. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەسئۇلىيەت بار. بىز توختاپ قالماستىن ئۇ يەردىمۇ مەجبۇرىيەتنى ئورۇنداشقا تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

«ستار» گېزىتى، «ئەلىيېۋ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاندا بازا قۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ،  40 قا يېقىن شەھەر ۋە يېزىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە يەنە، تۈركىيەنىڭ قول تىقماي تۇرۇپ بۇ رايوندا ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەلىيېۋنىڭ ، دۆلىتى خەۋپكە دۇچ كەلگەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردە بازا قۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «پاشىنيان مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاغلىق قاراباغدا ئېلان قىلىنغان ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشقا پىسەنت قىلماستىن گەنجەدە پۇقرالار قىرغىنچىلىقى سادىر قىلغان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئالدىنقى سەپتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ مەغلۇبىيەتنى (ئەرمېنىيە) باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلىپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئالدىنقى سەپتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئارمىيە ھەم شىمالىي ھەم جەنۇبىي يۆنىلىشلەر بويىچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى، دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «گىرېتسىيەنىڭ <تۈركلەر بىزنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىمىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ> دېگەن دەۋالىرى كۆپۈككە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گىرېتسىيەدىكى بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ گىرېتسىيە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بايقىيالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، بىراق كۆرۈنمەس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گىرېتسىيە پاراخوتلىرىنىڭ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى تەرىپىدىن قەدەممۇ قەدەم كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «تۈركىيە كاتتا خۇش خەۋەرگە مەركەزلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىدىن كېيىن، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزنىڭ چوڭقۇر  قاتلىمىدا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسىنى بايقىغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ ئەتە (شەنبە) مەزكۇر قۇدۇقتا بايقالغان 80 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئېلان قىلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر