16.09.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1491566
16.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيە يېڭى ناۋتېكس ئېلان قىلىش ئارقىلىق قوراللاندۇرۇلغان ئاراللارغا قارىتا لوزان شەرتنامىسىنى خاتىرىلەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ناۋتېكس (دېڭىزچىلارغا ئۇقتۇرۇش) ئېلان قىلىپ، 1923 – يىلقى «لوزان شەرتنامىسى» دائىرىسىدە «ساكىز ئارىلى» نىڭ غەيرىي ھەربىي رايون سالاھىيىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. گىرېتسىيە 1960 – يىلدىن بۇيان غەربىي ھەربىي رايون سالاھىيىتىگە ئىگە ئاراللارنى قوراللاندۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتاتتى. تۈركىيە ئاراللارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاتىناغا چاقىرىقتا بولۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ناۋتېكس ئېلان قىلىپ، ئاقدېڭىزدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان «ياۋۇز» ناملىق تەتقىقات پاراخوتىنىڭ مۇددىتىنىڭ 12 – ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«‹ستار› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ ‹گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىغۇلارچە قوللىشىغا ئىشەنمىسۇن› دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىمىزغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ نۇقتىدا، گىرېتسىيەنى، تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنتىشتىن قېچىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىغۇلارچە قوللىشىغا ئىشىنىشىنىڭ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ  ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمەن.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەتقىقات پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا نوپۇزىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن، ئەسلىدىكى كۈچىگە قايتىدىن ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «تۈركىيە 2021-يىلى ئەڭ تېز قەددىنى رۇسلىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەھۋالىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئىجابىي جەھەتتىكى پەرقىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئاخىرى ئېتىبارى بىلەن، بولۇپمۇ 2021 – يىلى تاشقى بازارلىرىمىزدىكى شەرت – شارائىتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تېز قەددىنى رۇسلىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىمىزنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك 3 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا % 4.4 لىك ئېشىش بىلەن، ئېرلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە خىتايدىن كېيىن 4 -، ئايلىق نىسبەتتە 8.4 لىك ئېشىش  بىلەن، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيەدىن كېيىن 3 – رەتكە تىزىلدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى ئارقىمۇئارقا ئىككىنچى چارەكتىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  باسقۇچى ھارپىسىدىكى سەۋىيەدىن ھالقىغان تۈركىيەدە، 3-چارەكتىمۇ يۇقىرى ئېشىش كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر