10.09.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1488136
10.09.2020

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىتار گېزىتى، «شەرقىي ئاقدېڭىزىدا تۈركىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ئىجابىي ئۇسۇلدا، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى. شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنىڭ مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئورۇچ رەئىس يەر تەۋرەش تەتقىقات پاراخوتىمىز بېكىتىلگەن پروگرامما بويىچە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ھىدرو كاربون پائالىيەتلىرىمىز بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئادىللىق پرىنسىپى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئاڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «مىنىستىر ئاقارنىڭ گېرمانىيە مەنسەپدىشى بىلەن شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ئۇچرىشىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ كاررېنبائۇر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ساباھ گېزىتى، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشىغا: <بىز ئىرقچىلىق ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنى بىرلىكتە ۋە قەتئىي ئىرادە ئارقىلىقلا مەغلۇب قىلالايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچرىدا، 2000 - يىلى 9 - سېنتەبىردە گېرمانىيەنىڭ نۇرنبېرگ شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەنۋەر شىمشەكنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەنسەپدىشى خېيكو مائاسقا «خېيكو! بىز سىزنىڭ كۆرسەتكەن سەزگۈرلىكىڭىزنى قەدىرلەيمىز، ئەمما 20 يىلدا، بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى باسالمىغانلىقىىزمۇ بىر ھەقىقەت. ئىرقچىلىق ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنى بىرلىكتە ۋە قەتئىي ئىرادە ئارقىلىقلا مەغلۇب قىلالايمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە 2021 - يىلىدا %5 تىن يۈقىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ سۈرئىتىگە باغلىنىشلىق ھالدا، 2021 - يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %5 تىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بارلىق دەسلەپكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ناچار ۋەزىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كېيىنكى يېرىم يىلدا تېز سۈرئەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۈتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «Turksat 5A سۇنىئىي ھەمراھى  يىل ئاخىرىدا ئالەم بوشلۇقىغا يوللىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

Turksat 5A سۈنئىي ھەمراھى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلىدۇ. Turksat 5A نىڭ مۇلازىمەتنى باشلىشى بىلەن بىرگە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىن باشقا يەنە، تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارقىتىش دائىرىسىگە ئىگە بولىدۇ. Turksat 5A سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ سۇنئىي ھەمراھ فىلوتىدىكى 4 - خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر