30.06.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1446045
30.06.2020

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۇنيا خەلقىنىڭ لىۋىيەدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ئىسيانچى ھافتەرنىڭ مەغلۇب بولۇشى بىلەن تۈزگەن پىلانلىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولغان فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى تۈركىيەگە ھۆركىرەپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەھۋالىنى مۇنازىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «The Independent» گېزىتىنىڭ بىر يازمىسىدا، «فىرانسىيە رەھبەرلىرى لىۋىيە سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن تۈركىيەنى ئەيىبلەپ كۈلكىلىك ھالغا قېلىۋاتىدۇ» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سىيارتو (Peter Szijjarto) جەنۇبىي قىبرىسنى زىيارەت قىلغاندا، نۇرغۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە گەپ قىلغاندا، خەلق ئالدىدا بىر خىل، پەردە ئارقىسىدە يەنە بىر خىل گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە-تۈركىيەگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك: «تۈركىيەنىڭ ئىشەنچ ئىندېكسى ئېشىۋاتىدۇ. ئاپرېلدا 51.3 بولغان ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسى ماي ئېيىدا 61.7 گە، ئىيۇندا 73.5 كە ئۆرلىدى. 2020-يىلىنى ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى بۇنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئېلېكتىر پويىزنىڭ رېلىسقا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە زاۋۇتتىكى سىناقنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇنىڭ ۋابا مەزگىلىدە دۇنيادا ئىنتېرنېت سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيەدە ئىنتېرنېت سودا ئىسكىلاتى قۇرىمىز. نىشانىمىز-ئىنتېرنېت سودا مۇنبىرىمىزنى رايوندىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر