29.06.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1445277
29.06.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى، «تۇفەيلى: ئەردوغان لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، لىۋاندىكى شىئە ئۆلىما شەيخ سۇبھى تۇفەيلىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى فىرانسىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئەردوغان، خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن شەيخ تۇفەيلى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە فىرانسىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

«ساباھ» گېزىتى، «تېررورچىلارغا تەۋە 24 پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئۆڭكۈردىكى قورال ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەنچە – قاپلان (يولۋاس) ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئورنى ئېنىقلاپ چىقىلغان 24 پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئۆكڭۈردىن زور مىقداردا قورال ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئوق – دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىرلىق باياناتىدا، 17 – ئىيۇندا باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پىلانلانغىنى بويىچە غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «تۈركىيە شامالنى ئارقىسىغا ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نىسبىتىدە ئارقا – ئارقىدىن رېكورت يارىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا يېقىنقىلاردا سالمىقى ئېغىرلاشقان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغلارنىڭ پېيىنىڭ ناھياىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە باسىدىغان يولنىڭ ئاران %10 ىنى تاماملىغان بولۇپ، شامال ئېنېرگىيەسىدىكى نۆۋەتتىكى ئومۇمىي كۈچى 8 مىڭ مېگاۋات بولغان تۈركىيە، 80 – 90 مىڭ مېگاۋاتلىق يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈركىيە ئىنگلىزلارنىڭ ساياھەت كارىدورى ئارىسىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، 6 – ئىيۇلدىن كېيىن بەزى دۆلەتلەر بىلەن ساياھەت كارىدورى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ خەۋەردىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ مېھمانخانىلاردىن ئورۇن ئايرىتقۇزۇشىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە ساياھەت كارىدورى ئاچىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلان قىلىنىدىكەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «بۇرسا ساياھەتچىلىكتە يۇقۇمنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بۇرسادا ساغلام ساياھەت تونۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇش يولىدا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى، شەھەرنىڭ يېڭى نورمال تۇرمۇش شارائىتىغا ماس ھالدا پىلانلانغان ساياھەت سىياستىىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىزچىلىق، چېدىر تىكىش ۋە كارىۋان ساياھىتىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىلىتىشىچە، بۇرسا ئۇلۇداغى، يايلاقلىرى، كۆللىرى، دېڭىزى شۇنداقلا تەبىئەتسۆيەرلەر ياخشى كۆرىدىغان جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر