27.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1424245
27.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈنۈگۈن (2020-يىلى 26-ماي) «24-فرانس» قانىلىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىبراھىم كالىننىڭ، «فىرانسىيە ۋە ھافتەرنى قوللىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ، لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ خاتا تەرىپىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئووتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى» غا، ۋىدېئو كونفېرانس بىلەن قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەسىرلىرى بىلەن شەكىللىنىدىغان يېڭى نورماللىشىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىقتىسادقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كېچىكمەستىن تاشلاش قارارىغا ئىگىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تۈركىيەدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى ھەققىدە تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «سالامەتلىك ياخشىلانغانلارنىڭ سانىدا مۇھىم ئېشىش بار. جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسىگە تايىنىپ قالغان بېمارلار سانى ئىزچىل ئازىيىۋاتىدۇ. قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت، 83 مىليون خەلقىمىزنىڭ ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يېڭى تۇرمۇش شەكلىمىز: كونتروللۇق ئىجتىمائىي تۇرمۇش، بىرلىكتە تەدبىر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ چادقا «كوجا يۇسۇف» ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن  ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تىببىي بۇيۇملارنى ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ «فاتىھ» بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ 29-ماي ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان قۇتلۇق كۈندە قارا دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر