15.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1417895
15.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، «مىنىستىر كوجا: تەكشۈرۈش سانى 1 يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كەتتى (دېدى) سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، تۈركىيەنىڭ تەكشۈرۈش سانى جەھەتتە 1 يېرىم مىليوندىن ھالقىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر كوجا تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «ئومۇمىي تەكشۈرۈش سانى جەھەتتە 1 يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كەتتۇق، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكىنىسىدىكى بىمار سانىمىزدا تۆۋەنلەش داۋاملاشماقتا. ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالى %71.8. يېڭى تۇرمۇش ئادىتىمىز كونتروللۇق ئىجتىمائىي ساياھەت، يەنى ھەممە بىرلىكتە تەدبىر ئېلىش، شەرتى: ماسكا ۋە بىر يېرىم مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇشتۇر» دېگەن.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياپونىيەنىڭ FNN Prime مېدىيا ئورگىنىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئەڭ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغان دۆلەت دەپ كۆرسىتىلدى ۋە تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان داۋالاش مېتودى، چەكلىمىلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇش، تارقىتىپ بېرىلگەن ماسكىلار ۋە ياشانغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ياردەملەر كەڭ ئورۇن بېرىلدى.

«ستار» گېزىتى، «تۈركىيە خۇشاللىنارلىق قەدەم تاشلىدى! فاتىھتىن بىر يېڭىلىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ، «ھەم شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز)دا ھەم ئىيۇل ئېيىدىن باشلاپ قارادېڭىزدا تۇنجى قېتىم ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بۇرغىلاش پاراخوتىمىز بىلەن چوڭقۇر بۇرغىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، «قارادېڭىزدىكى ساباھ: «قارا دېڭىزدىكى ئانچوۋى (خامسى بېلىقى) 768 مىڭ دوللار كىرىم ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شەرقىي قارادېڭىزدىن 2019 – 2020 – يىللىق بېلىق تۇتۇش مەۋسۇمىدا 768217 دوللارلىق بېلىق ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رايوندىن 2019 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن 2010 – يىلى 30 – ئاپرېلغىچە بولغان جەرياندا 5 دۆلەتكە 433 توننا ئانچوۋى ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «كورېندون تۈركىيەگە كوروناسىز ساياھەت بېلىتى ساتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گوللاندىيە ساياھەت شىركىتى – كورېندوننىڭ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى ساياھەت رايونىغا «كوروناسىز» ساياھەت پىلانى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىركەت مېھمانلىرىنىڭ ساياھەت جەريانىدا تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىلاردىن چىقىپ كەتمەسلىكى شەرتى بىلەن، ئىجتىمائىي ئارىلىق قالدۇرۇش ۋە ماسكا ئەندىشىسى بولماستىن تەتىل ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر