11.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1414929
11.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، «ئەردوغان: تۈركىيە ساغلاملىق بازىسى بولىدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئىستانبۇل سانجاقتەپەدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھېيتنىڭ ئاخىرىغىچە (26 – مايغىچە) خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەر كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنى ساغلام ساياھىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «چەت ئەللىك بىمارلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كلېۋلاند شەھىرىگە باراتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ» دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ قەدەملەر سايىسىدا تۈركىيەنىڭ ساغلام بازىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «ئەردوغان: كوۋىد – 19 نى دۇنيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا تېز يېڭىمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرمۇ ئامالسىز قالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇملۇق كېسەللىكى جەريانىدا ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامداش بىلەن بىرلىكتە، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، ئەردوغاننىڭ، خەلق بىردەك تەدبىرلەرگە بويسۇنغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرىدىن بۇرۇن كوۋىد – 19 نى يېڭىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

«ستار» گېزىتى، «يەرلىك دورا <TR-C 19> نى ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيادا داۋالغۇش پەيدا قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈمى بولىدىغان <TR-C 19> ناملىق يەرلىك دورىنى پىدائىي بىمارلارغا ئىشلىتىپ سىناق قىلىشنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دورىنىڭ تەجرىباخانا مۇھىتىدا ۋىرۇسنى يوقىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئورگىنىنىڭ ئىستاندىكى مەركەزلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈركىيەدە ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ساياھەتچىلىك باشلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ، تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت ئىچى، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تاشقى ساياھەتنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەر كۆرسىتىلىشىچە، ئايرودۇرۇملار ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر 2 – 3 مىنۇت ئىچىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مېھمانخانىلار ۋە رېستورانلاردا تاماق شىرەلىرىنىڭ ئارىلىقى بىر يېرىم مېتىر، ئورۇندۇقلارنىڭ ئارىلىقى بولسا، 60 سانتىمېتىر بولىدىكەن. «ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش» سىستېمىسى ۋە تاللاپ ئىستېمال قىلىش تۈزۈملىرى داۋاملىشىدىكەن، پەقەت مۇلازىمەت شەكلىلا ئۆزگىرىدىكەن.

«ۋەتەن» گېزىتى، «سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭىدىن قاتناش باشلاش ۋاقتى يېقىنلاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش چارە – تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 28 – مارتتا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنى 28 – مايدا قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، ئورنىتىلغان يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھېچبىر يولۇچىنىڭ ئايرودۇرۇمغا ماسكىسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن، يولۇچىلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ئايرودۇرۇمنىڭ ئايرىلىش ياكى يېتىپ كېلىش بۆلۈملىرىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن، ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە پەقەت بوۋاق لازىمەتلىكلىرى، كومپىيوتېر ۋە ئاياللارنىڭ قول سومكىلىرىنىلا ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن، بۇلاردىن باشقا كولونيا، دىزىنفېكسىيە دېگەندەك سۇيۇقلۇقلارنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر