08.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1413355
08.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى سانلىق مەلۇماتلاردا ئەكس ئەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيا مىقياسىدىكى مەۋجۇت ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر نىسبىتى سېلىشتۇرۇلغاندا، تۈركىيەدە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار نىسبىتىنىڭ دۇنيا ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، چارشەنبە كۈنىگىچە بولغان جەرياندا دۇنيا مىقياسىدا كېسەللىك ھالىتى داۋاملىشىۋاتقان يوقۇملانغۇچىلار نىسبىتى %58.03، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر نىسبىتى %33.76 بولغان بولسا، تۈركىيەدە كېسەللىك ھالىتى داۋاملىشىۋاتقان يوقۇملانغۇچىلار نىسبىتىنىڭ %36.95،  سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار نىسبىتىنىڭ %59.36 بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «تۈركىيەدىن دۇنياغا ئىنسانپەرۋەرلىك ساۋىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ، ئارگېنتىنادا قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن 6 دۆلەت يۆتكەپ بېرىشنى رەت قىلغان 9 نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسىنى تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرى سايبىھانىڭ، پۇقرالىرىغا ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىش قارارى نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى نافتالى بېننېتنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىغا قوشۇمچە تۇرالغۇلارنىڭ سېلىنىشىنى تەستىقلىشى توغرىسىدا «ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى باشتا بولۇپ، خەلقئارا قانۇننى نەزەردىن ساقىت قىلغان بۇ قىلمىشنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش پەلەستىن خەلقى ۋە پەلەستىننىڭ ھەقلىق دەۋاسىنىڭ ھەر دائىم يېنىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ قەدەملىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يېزا – ئىگىلىك ساھەسىدە تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ مېۋە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا يېزا – ئىگىلىك ساھەسى ئېكسپورتىنىڭ 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %2.9 ئاشقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە يانۋار – ئاپرېل ئايلىرى مەزگىلىدە سېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ساھەنىڭ فىندىق ۋە فىندىق مەھسۇلاتلىرى بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «پاتارادىن تېپىلغان <يازما يادىكارلىق> كولىغۇچىلار ئەترىتىنى ھاياجانلاندۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئانتاليانىڭ قاش ناھىيەسىگە جايلاشقان پاتارا قەدىمىي شەھىرىدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ، قەدىمىي تىياتىردىكى يادىكارلىقلارنى رەتلەش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا بىر تارىخىي يازما يادىكارلىقنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، قەدىمىي شەھەرنىڭ بۇرۇنقى دەۋرلەردە ياشىغان مۇھىم كىشىلەردىن بىرىنى تەرىپلىگەن پارچە ھالەتتىكى چوڭ ھەجىملىك يازما يادىكارلىقنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر