30.04.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1408384
30.04.2020

سىتار گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېلان قىلدى، ھېلىقى تېررورچى قولغا چۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى ھۇجۇمنى پىلانلىغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK / YPG نىڭ ئەزاسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەيشەنبە كۈنى ئافرىن رايونىنىڭ مەركىزىدە پۇقرالار توپلانغان راجو كوچىسىدا PKK / YPG تەرىپىدىن بومبا قاچىلانغان  بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 40 ئادەم قازا قىلىپ 47 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ۋەتەن گېزىتى «تۈركىيە ۋىرۇس سىنىقىدىن يۈزى ئاق ھالدا ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا، تۈركىيەنىڭ تاج سىمان ۋىرۇس سىنىقىدىن يۈزى ئاق ھالدا ئۆتۈپ، ھازىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى  بىلدۈردى. فاخرەتتىن كوجا: «بىزنى بۇ نۇقتىغا تەدبىرلەر ۋە ئەستايىدىللىق يەتكۈزدى.  يۇقۇمنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئالدۇق، مەن مۇۋەپپەقىيىتىمىزنى 3 ماددىغا يىغىنچاقلايمەن،  ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، بايقاش ۋە تېز داۋالاش» دېدى.  فاخرەتتىن كوجا دوختۇرخانا شارائىتىدا داۋالىنىشى كېرەك بولغان ھېچ قانداق بېمارنى ئۆيىگە يوللىمىغانلىقىنى ئەسكەتتى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيە ۋىرۇسنى داۋالاشتا دۇنياغا ئۈلگە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

بەزى دۆلەتلەردە بەزگەك كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن ھىدروسىكلوروكىن دورىسىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. لېكىن تۈركىيەدىكى داۋالاشتا بۇ دورا بېمارلارغا مۇھىم ئەۋزەللىك يارىتىپ بەردى.  ئىلىم - پەن ھەيئىتى ئەزاسى  پروفېسسور دوكتور تەۋفىق ئۆزلۈ «بۇ دورىلار نېمىشقا دۆلەتلەرگە كۆرە پەرقلىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «پەرقى شۇكى، بىز بۇ دورىلارنى بېمارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلىتىۋاتىمىز. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئاخىرقى باسقۇچتا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ » دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ياپونىيە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورون ئاجراتتى:

كوۋىد-19 پۈتۈن دۇنيانى بىئارام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىقتىسادلارنىڭ چېكىنىشىشكە باشلىغانلىغا قارىماستىن، ياپونىيە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن مۇمكىن شارائىت يارىتىش خىزمەتلىرىنى باشلىدى. «Enechange» ۋە «Shinden's Looop» شىركەتلىرى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنى بېكىتتى. ئىككى شىركەت تۈركىيەدە سىجىل ۋە قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئۈچۈن  102 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى. .

ھۆررىيەت گېزىتى «سامى يۈسۈپ كونسېرتلىر  TRT مۇزىكا قانىلىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇارلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رامىزان ئېينىڭ بىرلەشتۈرگۈچى ۋە پۈتۈنلەشتۈرگۈچى روھى تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا نامايان قىلىنىۋاتقان بۇ قىممەتلىك كۈنلەردە تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) دۇنياغا داڭلىق سەنئەتكار سامى يۈسۈف كونسېرتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولدى. سامى يۈسۈفنىڭ «ت ر ت مۇزىكا» قانىلىدا تارقىتىلىدىغان تۇنجى كونسېرتى سەنئەتكارنىڭ دۇبەي ئوپېرادىكى كونسېرتى بولىدۇ. كونسېرت 30 - ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:15 دە ت ر ت مۇزىكا قانىلىدا باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر