29.04.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1407674
29.04.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەگە پۈتمەس - تۈگىمەس پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرتۈركىيەگە تېپىلغۇسىز ئىمكانىيەتلەر ۋە پۇرسەتلەر پەنجىرىلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى پىلان بويىچە تەدرىجىي ھالدا بىكار قىلىنغىنىدا، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش چارقى قايتىدىن ئۇچقاندەك ئايلىنىشقا باشلايدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق خىزمەت ھېسابلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل مېدىتسىنا فاكۇلتېتىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىمارلىرىنى كۆزىتىش مەركزى ئېچىلدى. تۈركىيە ۋە دۇنيا بويىچە تۇنج مەركەز ھېسابلىنىدىغان بۇ ئورگان، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان  ۋە يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆزىتىشكە تېگىشلىك بىمارلارنى تەقىب قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققۇسى بىرقاتار مەسىلىلەرنى ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.  مەركەز بۇ ئارقىلىق بىمارلارنى ئۇدا بىر يىل بويىچە كۆزىتىدۇ.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «رۇسىيەدە ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان تۈرك ئوقۇغۇچى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قايتۇرۇپ كېلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا رۇسىيەدە ئۆپكە كېسەل بولۇپ قالغان تۈركىيە پۇقراسى ۋە تىببى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھالۇك ھەسەن سېيىتخانئوغلۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رۇسىيەدە ئۆپكە كېسەل بولۇپ قالغان تۈركىيە پۇقراسى ۋە تىببى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھالۇك ھەسەن سېيىتخانئوغلۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن مەملىكىتىگە قايتۇرۇپ كەلدۇق.  تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن روسىيەدە ئوپېراتسىيە قىلىنىشى رەت قىلىنغان ئىنىمىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بالنېستقا ئېلىندى. ئۇنىڭغا شىپالىق تېلەيمىز» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «چەت ئەللىكلەر كۆرمىسىمۇ تۈركىيەدىن ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم سەۋەبىدىن تۈركىيەدە مارت ئېيى ئېتىبارى بىلەن چەت ئەللىكلەرگە  ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆي – مۈلۈك سېتىلىشقا باشلىدى. تۈركىيەگە ساياھەت قىلالمىغان چەت ئەللىكلەر « Facetime»، « Zoom»، « Skype » ۋە  « Whatsapp » قاتارلىق ئۇچۇر - ئالاقە پىروگراممىلىرىنىڭ ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەدىن ئۆي – مۈلۈك سېتىۋېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تېخنولوگىيەلىك ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە سەھىيە جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مىسلىسىز ئۇتۇقتىلىرى سايىسىدا، خەلقئارا ساھەدە تۈركىيەدىن ئۆي – مۈلۈك سېتىۋېلىش تەلەپلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مارت ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە ئىنتېرنېت ئارقىلىق  ئۆي – مۈلۈك سېتىلىشتىن كىرگەن كىرىم 100 مىليون لىرادىن ئاشتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە خەلقئارالىق يۈك توشۇش مۇلازىمىتى توغرۇلۇق يېڭى قارارلارنى چىقاردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

قاتناش ۋە  قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق يۈك يوشۇش مۇلازىمىتىگە قارىتا يېڭى قارارلىرىنى جاكارلىدى. بۇ قارارلارغا ئاساسلانغاندا،  رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۈركىيەگە يۈك توشۇيدىغان شوپۇرلار ئاپتوموبىلدىن چۈشمىگەن ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ 72 سائەت ئىچىدە دۆلەتتىن ئايرىلغان تەقدىردە، ئۇلارغا  14 كۈنلۈك كارانتىن مۇددىتى چەكلىمىسى قويۇلمايدىكەن. ئاپتوموبىللار دۆلەتكە كىرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق كۆزىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر