10.04.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1395410
10.04.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن شىمالىي ماكېدونىيە پرېزىدېنتى ستېۋو پەنداروۋىسكى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسەدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، كورونا ۋىرۇس كۈنتەرتىپى توغرىسىدا توختالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ «ئەلجەزىرە» گە ماقالە يېزىپ، «ھەممىمىز بىخەتەر بولماي تۇرۇپ، ھېچبىرىمىز بىخەتەر بولالمايمىز. ھېچقانداق رايون ، مىللەت ياكى دۆلەت ئۈچۈن مەدەنىيەت قاتلىمى ، ئىقتىسادىي چېقىلالماسلىق ۋە ئىمتىياز يوق. ھېچقانداق دۆلەت بۇ ئۇرۇشقا يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: سۈرىيە ھاكىمىيىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلاتىدا، 2017- يىلى سۈرىيەنىڭ لتامەناھ بازىرىدا يۈز بەرگەن 3 ئايرىم خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، «چوڭ – كىچىك دېمەستىن 9 يىلدىن بۇيان ئۆز پۇقرالىرىنى قەتل قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى، «ناتونىڭ بېلگىيەدىكى Shape قارارگاھى تۈركىيەنىڭ ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت (ئېيتتى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ چەت دۆلەتلەرگە ئۇزارتقان ياردەم قولىغا يۇقىرى باھا بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

خەۋەردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشىكلاتى – ناتونىڭ بېلگىيەنىڭ مونس شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقداش كۈچلەر يۇقىرى قارارگاھى (Shape)نىڭ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بوسنىيە – گىرېتسىگوۋىناغا يوللىغان تېببىي ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «ھەسەل ئېكسپورتىدىن 6 مىليون 900 مىڭ دوللار كىرىم (قىلىندى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىل (2020) نىڭ بىرىنچى چارىكىدە 38 دۆلەتكە قىلغان ھەسەل ئېكسپورتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %9 ئېشىپ، 6 مىليون 921 مىڭ 120 دوللارغا يەتكەنلىكى؛ گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كۇۋەيت ۋە ئاۋسترىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغانلىقى توغرىسدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر