09.04.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1394432
09.04.2020

 

سىتار گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «فاخرەتتىن ئالتون خەلقئارا ھەمكارلىق چاقىرىقى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىسلىك  ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتون تۈركىيەنىڭ دۇنياغا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ھاكىم بولسۇن ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. فاخرەتتىن ئالتون ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىنىڭ «كوۋىد -19 تەجرىبىسى ۋە يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىق» ناملىق سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، «يەر شارى خاراكتېرلىق يۇقۇم ۋەزىيىتىدە دۆلەتەر ئارا مۇناسىۋەتلەر پىرىنسىپسىزلىشىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالدىمۇ ئۆز پۇقرالىرىمىزنى قوغداشقا تىرىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،  ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئارقىمىزنى قىلىۋالمىغانلىقىمىز بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر » دېدى.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ ياردىمى بالقان دۆلەتلرىگە يېتىپ باردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) غا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ  بالقان دۆلەتلىرىگە يوللىغان تىببىي ياردەملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ھەربىي يۈك ئايروپىلانى  بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنا، سېربىيە ۋە ماكېدونىيەگە قونۇپ، ھەر بىر دۆلەتكە  ئېھتىياجلىق ئەسلىھەلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ دۆلەرلەردە ياردەملەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان مىنىستىرلار تۈركىيەگە مىننەتدارلىقلىرىنى يەتكۈزدى.

ۋەتەن گېزىتى: «مىنىستىر ئالبايراق<ئىقتىسادىمىزنى جانلىق تۇتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن شەكىللىنىدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە، ئەڭ كۈچلۈك ئورۇننى ئىگىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا: «بىز ئالدى بىلەن بۇ يۇقۇمنى يېڭىمىز. بۇنداق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىمىزنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى جانلىق تۇتىمىز». دېگەنلىكىنى يازدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «خىتايغا قۇرۇق ئۆرۈك (گۈلە) ئېكىسپورت نىسبىتى % 125 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ خىتايغا قۇرۇق ئۆرۈك (گۈلە) ئېكىسپورت قىلىش نىسبىتى  2019 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 2020 – يىلى مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، 125% ئېشىپ، ئەسلىدىكى 2 مىليون دوللاردىن 4.5 مىليون دوللارغا يەتتى. ئەگە قۇرۇق مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىرول جەلەپ، 2019 - يىلى 1-ئاۋغۇستتىن 2020 - يىلى 30 - مارتقىچە بولغان مەزگىلدە، دۇنياغا 76 مىڭ توننا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ۋە 197 مىليون دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر