07.04.2020

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1393146
07.04.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا ۋىرۇسقا قارشى ئىككى دوختۇرخانا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ، «يېشىل كۆي ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا مىڭ كارۋاتلىق دوختۇرخانا سېلىش لايىھەسى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سانجاكتەپەدىمۇ بىر قەۋەتلىك دوختۇرخانا سالىمىز. 45 كۈن ئىچىدە بۇلارنى پۈتكۈزىمىز. بۇ دوختۇرخانىلارنى پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە ۋە پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، سېربىيەدە بوشناقلار توپلىشىپ ياشايدىغان سانجاق رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بوشناق دۆلەت كېڭىشىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە يەنە، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا دىمىتوۋنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى پلازما ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ خىتايدىنلا قالسا، مالاتيا ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرستېتى تۇرگۇت ئۆزال تىببىي مەركىزىدە باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ۋىرۇسقا قارشى %80 مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان داۋالاش ئۇسۇلىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك داۋالىنىپ سالامەتلىكى ياخشىلانغان كىشىلەردىن، داۋالىنىشى داۋاملىشىۋاتقان بېمارلارغا پلازما ئىئانە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا كرىدېت دەرىجىگە ئايرىش تەشكىلاتى فىتچ رېيتىڭىس (Fitch Ratings) نىڭ تۈركىيە ئۈچۈن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فىتچ دىرېكتورى دوگلاس ۋىنسلوۋ (Douglas Winslow) نىڭ، تۈركىيەدە بۇ يىل (2020) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىدىن باشلاپ ئىقتسادىي ئېشىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى، 2021-يىلىدا بولسا، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ %4.5 كە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مارت ئېيىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن دىققەت تارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىن يېڭى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات تەلەپ قىلىش مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر