03.04.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1390562
03.04.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇر (تارقاتتى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ سەھىيە ئۇل – ئەسلىھەسىنىڭ؛ خىزمەتچى خادىم، دورا، لازىمەتلىك ۋە مەركەزلىك كۆزىتىش بۆلۈملىرى جەھەتتە نۇرغۇن دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «سەھىيە ئۇل – ئەسلىھەمىزنىڭ كۈچى بىلەن كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە ئوخشاش قىيىن بىر جەرياننىمۇ ئىنشائاللاھ ئۈلگە بولغۇدەك بىر سىناق ئارقىلىق يېڭىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن» گېزىتى، «88 دۆلەت تۈركىيەدىن ئۈسكۈنە ياردىمى تەلەپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدە 88 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىن ئۈسكۈنە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كوجا، تۈنۈگۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا دىرېكتورى دوكتور ھانس كلۇگې بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا، كوۋىد – 19 يۇقۇمى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىككى رەھبەر، تۈركىيە بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا رايونى ئارىسىدا 2020 ۋە 2021 -  يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئىككى يىللىق سەھىيە ساھەسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

«ساباھ» گېزىتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئىشلەش خىزمەتلىرى... مىنىستىر مۇستافا ۋارانكنىڭ باياناتلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ تۈنۈگۈن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەش خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى ئىنتېرنېت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئوخشىمىغان 14 خىل ۋاكسىنا - دورا ياساش لايىھەسىنىڭ بارلىقىنى، 40 ئورگاندىكى يۈزلىگەن تەتقىقاتچىنىڭ بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى، «تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى: بىز مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى ناچو سانچېر ئامورنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ئىسپانىيەگە يوللىغان تېببىي ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، «نامايان قىلغان ھەمكارلىقىڭىڭلار مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «بىرىنچى چارەكتە ئاپتوموبىل سېتىش نىسبىتى %41 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ئاپتوموبىل ۋە يىنىك سودا ئاپتوموبىلى ئومۇمىي بازىرىنىڭ 2020 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %40.62 ئېشىپ 124403 كە يەتكەنلىكىنى، بىرىنچى چارەكتە ئاپتوموبىل سېتىشىنىڭ %44.79، يېنىك سودا ئاپتوموبىلى بازىرىنىڭ %26.03 ئاشقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي بازار ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېقىنقى ئىككى ھەپتە مابەينىدە ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغان مارت ئېيىدا بولسا، %1.6 ئېشىپ 50 مىڭ دانىگە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر