30.03.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1387628
30.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ستار» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىلىرى دۇنياغا ئۈلگە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پۈتكۈل دۇنيادا كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) خىتاي ۋە ياۋروپادا دوختۇرلاردىمۇ كۆرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت – نەزىرىنىڭ تۈركىيەدە يېقىنقى 15 يىلدا سېلىنغان سىغىمچانلىقى يۇقىرى شەھەر دوختۇرخانىلىرىغا ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، 81 مىڭ يۇقۇملانغۇچىنىڭ %40 ىنىڭ ۋىرۇسنى دوختۇرخانىلاردا يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى 450 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق يېپىق ساھەسى ۋە ئۈستىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تۈركىيەدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى تەڭمۇتەڭ ئازايتقانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «تۈركىيە بۇ يۇقۇمنى يەڭگۈدەك كۈچكە ئىگە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچىنچى شىركىتى بولغان، 3 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بىلەن دورا ئىشلەپچىقىرىپ، 50 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىۋاتقان «Neutec Ilaç» نىڭ ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى ماھمۇت بىلگىچ، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرالىدغۇدەك ئورۇن ۋە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە مىقياسىدىكى سانى 25 مىڭغا يېتىدىغان دورىخانىلار ئارقىلىق ئىممونىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدىغان دورىلار ۋە قۇۋۋەت يېمەكلىرىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈركىيە بۇ مۇساپىدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن چىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوغۇزخان ئوزباشنىڭ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتچان قۇرۇلمىسى بىلەن كوۋىد – 19 يۇقۇمى مۇساپىسىدىن ئەڭ ئاز زىيان ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلغان ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ نەتىجىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، بۇلاردىن ئۈنۈملۈك ۋە تېز شەكىلدە پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «فىرانسىيە تۈركىيەگە ئوخشاش تەدبىر قوللانمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىرانسىيەنىڭ لې خاۋرې كوماندىسىنىڭ تۈرك ماھىرى ئۇمۇت مەراش، فىرانسىيەدە كىشىلەرنىڭ كوۋىد – 19 ۋىرۇسىغا ئەستايىدىل قارىماي كوچا – كويلاردا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، ماسكا تاقاش ياكى پەلەي كىيىش مەسىلىسىگە سەزگۈر قارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «فىرانسىيەدە كىشىلەر تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانمىدى. فىرانسىيەدە نۆۋەتتە ئىتالىيەدىكىگە ئوخشاش ناچار بىر كارتىنا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى دېيىشىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، «پۇتبولچىلار باشلىغان ياردەم سەپەرلىك پائالىيىتى سۈرئەت بىلەن زورايماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پۇتبول ئائىلىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى تۇنجى قەدەملەرنى تاشلىغان تۇنجاي شانلىنىڭ ساكاريادىكى مېھمانخانىسىنى سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشلىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئادەم بۈيۈك ۋە مەرىھ دەمىرالنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ماسكا، دىياگنوز قويۇش ئۈسكىنىسى ۋە ئاسرىغۇچ لازىمەتلىكلەرنى ئىئانە قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەمىرەل ئوقۇغۇچىلارغا  يۈرۈشلۈك كىتابلار ۋە موھتاجلارغا ئاشلىق ياردەم قىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقودا «سەنمۇ بارمۇ؟» دېگەن ئۇچۇر ئارقىلىق بىر – بىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن پۇتبولچىلار، سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ سۈرئەت بىلەن كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر