25.03.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1384532
25.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان <ۋۇخەن ۋىرۇسى> ھەققىدە مۇھىم سىگناللارنى بەردى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېكونفېرانس يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە بارلىق ئورۇنلار ھەم تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەرقايسى ئورۇنلار ئارا ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە مىللىي ۋاكسىنا ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى داۋالاش ۋاكسىنىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىرلىقىمىزغا قاراشلىق ۋاكسىنا ئىنىستىتۇتى <ۋۇخەن ۋىرۇسى > غا قارشى مىللىي ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۈمىد چىرىغى ياندۇرىدىغان ھەرقانداق بىر تىرىشچانلىقنى قوللايمىز. مالىيە مىنىستىرلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە بىزنى كېرەكلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە تەييار.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئىلمىي كومىتېت ئەزاسى يامانەل تۈركىيە ئۈچۈن ياخشىلىنىش كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سەھىيە مىنىستىرلىقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور لەۋەنت يامانەل، خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن دورىنىڭ بىمارلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دورىنى تېخى يېڭى ئىشلىتىشكە باشلىدۇق. بۇ دورىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېيىن بىمالار تېز ساقىيىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بىر دورا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈرك ئالىملار ئىشلەپچىقارغان دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن 10 – 20 مىنىۇت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەنقەرەدە بىر بىيوتېخنىكا شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن  10 – 20 مىنىۇت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تەتقىقاتچى دوكتور ۋە گېن ئىنژېنېرى سەنەم شىمشەك ،رومىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرى ھەم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئەۋەتەتكەنلىكلىرىنى ھەم تونۇشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش مەركىزى» قۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارىمىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان مەركەز قۇرۇلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ھازىرغىچە ئەسكەرلىرىمىز ئىچىدە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىممىلىرىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادا قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر