23.03.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1383253
23.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلققە ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاۋازلىق ئۇچۇر (يوللىدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) توغرىسىدا ئۆي تېلېفونلىرى ئارقىلىق ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ «ئۆيدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن مەجبۇر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە، سىرتقا چىقماي، ئۆيدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەردوغاننىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى تېلېفون قىلىش ئۇسۇلى بىلەن خەلققە يەتكۈزۈلگەن.

«ۋەتەن» گېزىتى، «فاھرەتتىن ئالتۇن: ناتوغرا ئۇچۇرلارمۇ كوۋىد – 19 غا ئوخشاش ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئالاقىدار مەنبەسى ئېنىقسىز ئۇچۇرلارنىڭمۇ ۋىرۇسقا ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۇچۇر بۇلغىنىشى پەيدا قىلىدىغان مىش – مىش سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكنى، بۇ ھەقتە رەسمىي ئورۇنلارنىڭ باياناتلىرىغا ئىشىنىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى، «تۈركىيە غەربكە قۇرۇقلۇقتىن 42 مىليارد دوللارلىق (مەھسۇلات) ئېكسپورت قىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقئارا تۇشۇغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە ۋە يېڭى ئىش يوللىرىنى تېپىش بۆلۈمى باشلىقى فاتىھ شەنەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ غەربكە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن قىلىدىغان يىللىقى 42 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈركىيە ياش ئوتياش ۋە مېۋە ئېكسپورتىنى ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 1 – يانۋار – 19 – مارت ئارىسىدىكى ياش ئوتياش ۋە مېۋە ئېكسپورتىنىڭ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %27،6 ئېشىپ 581 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ بەرىكەتلىك خەزىنىلىرى: 160 مىليون دوللار كىرىم قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ بەرىكەتلىك تۇپراقلىرىدا يېتىشكەن ئاشلىق، سەھىيە ۋە گۈزەللىك ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان دەپنە، كۆك قۇرۇق يېمىش، كەكىك، كەچى بوينۇزى (ئۆچكە مۈڭگۈزى ئۆسۈملۈكى)، بىبەرىييە (روزىمارىيە)، كەستانە ۋە ئاداچېيىغا ئوخشاش تېببىي ئۆسۈملۈكلەر ئېكسپورتىنىڭ ئىقتىسادقا كۈچ بېغىشلاۋاتقانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ چەتكە سېتىلغان قىسمىدىن ئۆتكەن يىلى 160 مىليون دوللار كىرىم قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر