14.02.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.02.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي ماكېدونىيەدە <ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا لىدېرى> بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن، «ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان دۇنيا لىدېرى» تىزىملىكىنىڭ بىرىنچى رېتىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، ئاۋاز قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ %60 ىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان توغرىسىدا ئىجابىي قاراش بايان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئاقار: زاپاس قىسىملارنى ئەۋەتىۋاتىمىز، ساھەنى كونترول قىلىمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا توختىلىپ، «(ئىدلىب) ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنى دائىمىيلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن زاپاس قىسىملارنى ئەۋەتىۋاتىمىز، ساھەنى كونترول قىلىمىز. ئىدلىبتا ئاشقۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلمىغانلارغا قارىتا كۈچ ئىشلىتىدۇ، ھەرتۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «21 ئاينىڭ رېكورتىنى ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ، دېكابىر ئېيىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يىللىق %8.6 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «21 ئاينىڭ رېكورتىنى ياراتتى! بۇ ھالەتنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشقا، ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىك (ئىقتىسادىي) گۈللىنىشكە مەركەزلەشتۇق. گۈللىنىش سۈرئىتى ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى كۈچەيگەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئۆرلىگەن بىر يىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا بوۋاق ھارۋىسى ھەقسىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتى كېلىپ – كېتىش بېكەتلىرىدە، بوۋاق ھارۋىلىرىدا 0 – 6 ياش ئارىسىدا پەرزەنتلىرى بار ئائىلىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «قانۇنسىز يوللار بىلەن چىقىرىلغان 2 يادىكارلىق تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرا سىرتىغا چىقىرىلغان ئىسپارتاغا مەنسۇپ سىدامارا تىپىدىكى قەبرە تېشى بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 – 3 مىڭىنچى يىللارغا مەنسۇپ ھارۋا مودېلى يادىكارلىقىنىڭ 15 – فېۋرالدا ئەنگلىيەدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر