13.02.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.02.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئەردوغان، <ئەگەر ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، سوچى كېلىشىمىگە قاراپ يۈرمەستىن، ھەممىلا يەردە ئەسەد قىسىملىرىنى ئۇجۇقتۇرىمىز> دېدى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ئېلان قىلدى. ئەردوغان: «كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى ياكى باشقا يەرلەردىكى ئەسكەرلىرىمىزگە كىچىككىنە زىيان سېلىنغان تەقدىردە، بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىدلىب ۋە سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن دائىرىگە قاراپ يۈرمەستىن، ئەسەد قىسىملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇجۇقتۇرىدىغانلىقىمىزنى بۇ يەردىن ئېلان قىلىمەن» دېدى.

ساباھ گېزىتى «ئەنقەرەدە جىددىي ئۇچرىشىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جامېس جېفرېي بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا ئىدلىبتە ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىدلىب كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ۋە پۇقرالارنى قوغداش جەھەتتىكى تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى قاتتىق تەكىتلەندى.

سىتار گېزىتى، «ئامېرىكا <تۈركىيەنى "F-35" تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش، ئايروپىلاننىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇپ، سېتىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەخمىنەن 4 تىرىليون 8 مىليارد دوللارلىق 2021 يىللىق ئامېرىكا خامچوتى تەكلىپىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىدى. خامچوتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئايرىلغان قىسمىدا، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر تەپسىلاتقا ئورۇن بېرىلدى. تۈركىيەنى «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش سەۋەبىدىن ئايروپىلاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش چىقىمى ئۆرلەيدىغانلىقى ۋە سېتىلىش نىسبىتىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ئىستانبۇل ئايرودورۇمى تۈركىيەنىڭ 82ۋىلايىتىگە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى كۈتۈۋالغان يولۇچىلارنىڭ سانى، ئىستېمال سانلىق مەلۇماتى، ماگزىنلار ۋە بىر شەھەردە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئورگانلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولۇشى بىلەن گويا تۈركىيەنىڭ 82ۋىلايىتىگە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلماقتا. كۈندىلىك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 مىڭ يولۇچى ۋە 1200 ئايروپىلاننى يولغا سېلىۋاتقان ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ مېھمانخانا، سەھىيە مەركەزلىرى، دورا دوكككانلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئورگانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى بىلەن ئوتتۇرا چوڭلۇقتا بىر شەھەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «2020يىلى پاتارا يىلى ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىردە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2020يىلىنىڭ تېمىسى ئۈچۈن ئانتاليانىڭ كاش ناھىيەسىدىكى پاتارا قەدىمىي شەھىرىنى تاللىدى. ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە مىلادىدىن ئىلگىرى 8ئەسىرگە تەۋە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن بۇ قەدىمىي شەھەر «روژدىستىۋا بوۋاي» دەپمۇ بىلىنىدىغان ئازىز نىكولاس تۇغۇلغان جاي ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر