21.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1344570
21.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»،  تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ تىنچلىق ئۈمىدلىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بېرلىندىكى لىۋىيە كونفېرانسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز كۈچلۈك دۆلەت، شۇڭا بىزدىن نۇرغۇن ئۈمىد كۈتۈشلەر بولىدۇ. تۈركىيە تىنچلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر. لىۋىيە مەسىلىسىدە باسقان قەدەملىرىمىز، مۇساپىنى تەڭپۇڭلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەم ئەمەلىيىتىمىزدە ھەمدە ئۈستەلدە سىياسىي مۇساپىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈنۈگۈن (20-يانۋار) بېرلىندە چاقىرىلغان لىۋىيە يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىبراھىم كالىننىڭ، «بېرلىن كونفېرانسى لىۋىيەدە توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە كۆپ يۆنۈلۈشلۈك دىپلوماتىيەسى، تۈركىيەنى مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاكتىيورلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ 2019-يىللىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا، 2020-يىلىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلانغان يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «2020-يىلى پۇل پاخاللىقى بىر خانلىق سانغا چۈشكەن يىل بولىدۇ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، 2019-يىلى ئىستانبۇل، ئانتاليا ۋە ئەنقەرەنىڭ، چەت ئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ ئۆي سېتىلغان شەھەرلەر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، 2019-يىلىدا ئىستانبۇلدىكى ئۆي سېتىش نىسبىتىنى2018-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، %46.2 ئېشىپ 20 مىڭ 857 گە يەتكەنلىكى، ئانتاليادا بولسا، بۇ ساننىڭ 8 مىڭ 951، ئەنقەرەدە 2 مىڭ 539 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، بۇ يىل (2020) «تېكنوفەست» (TEKNOFEST) فېستىۋالىنىڭ، مىللىي كۈرەشنىڭ غازى شەھىرى غازىئانتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى يىلدىن بۇيان رېكورت يارىتىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى تېكنوفەستنىڭ 22-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە غازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ستار , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر