20.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1343954
20.01.2020

ساباھ گېزىتى، «لىۋىيە كونفېرانسى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

لىۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش تۇختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارە باسقۇچىنى باشلاش مەقسىتىدە، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن كونفېراسنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، ئۇرۇش توختىتىشتىن باشقا يەنە، ھەر قايسى تەرەپلەر ۋە قوللىغۇچىلىرى ھەربىي پائالىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشقا شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قورال ئېمباگوسىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.  

خەبەر تۈرك گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان <مىچوتاكىس ئويۇننى خاتا ئويناۋاتىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان لىۋىيەدە ئۇرۇش ھۆددىگەرلىرى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان قوراللىقلارنىڭ كاتتېبىشى ۋە قانۇنسىز گېنېرال ھافتەرنى گىرېتسىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىسقا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەردوغان مىچوتاكىس بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنىدا بىر يېرىم سائەت ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىچوتاكىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ياخشى قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقىنى ۋە ئويۇننى خاتا ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەتەن گېزىتى، «ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى ئاقدېڭىزدا يىڭى ۋەزىپنى ئۈستىگە ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى شەرقىي ئاقدېڭىزدا 3- بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى گ رۇخسەتلىك ساھەسىگە يۆتكەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى باياناتىدا، «قىبرىستىكى تۈركلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. بۇ ساھەدە ئارالنىڭ ئورتاق خوجايىنلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە، قىبرىس رۇملارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھەق-ھوقۇقى بار» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «2019- يىللىق ئېكسپورت سودىسىغا قىلىدىغان ياردەملەردە رېكورت يارىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان ئېكسپورت سودىسىغا قىلىنىدىغان ياردەملەر نۇقتىسىدىن 2019- يىلى ئالتۇن يىل بولدى. ياردەم خامچوتىدا جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق. 3 مىليارد 200 مىليون لىرا بىلەن بۈگۈنگىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئېكسپورت سودا ياردەملىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقاردۇق. 2020 - يىلىدا مال ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورت سودىمىز ئۈچۈن جەمئىي 3 مىليارد 800 مىليون لىرالىق ياردەم خامچوتىمىزنى سۇنماقچىمىز» دېدى.

سىتار گېزىتى،  «ياۋروپا ئىتتىپاقى، <تۈركىيەگە ئايرىلىدىغان فوندلار كىسىۋېلىنمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرى بىرىلىدىغان ياردەم فوندلىرى كىسىۋېلىنىدۇ، دېگەن خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. تۈنۈگۈن گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، تۈركىيەگە ئايرىلىدىغان ياردەم فوندىلىرىنىڭ ٪75 ىنىڭ كىسىۋېلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر