14.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

14.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بېرلىن كونفېرانسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن 19 – يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا بارىدۇ. تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە لىۋىيەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر كونفېرانسنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

كونفېرانسقا ئىشتىراك قىلغۇچى دۆلەتلەر، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشى ۋە لىۋىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىزدىنىشلىرى دائىرىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،   «چەت ئەللىكلەرنىڭ دىققىتى  قانال ئىستانبۇلغا مەركەزلەشمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:  

قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان، قانال ئىستانبۇلدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلاردىن ئېلىنىدىغان يىللىق ئەڭ تۆۋەن باج مىقدارىنىڭ 1 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە شىركەتلىرىنىڭ قانال ئىستانبۇل لايىھەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، «ئىستانبۇل بوغۇزى» نىڭ خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسپورتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بىردىنبىر سۇ يولى بولغانلىقى ئۈچۈن قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «قانال ئىستانبۇل» غا ئېھتىياج چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «12 – ئايلىق ئېشىنچا 2 مىليارد 725 مىليون دوللارغا يەتتى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

2019 – يىلى نويابىردا قەرەلسىز ئامانەت ھېساباتلىرىدا 518 مىليون دوللارلىق قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلىكتە، 12 ئايلىق ئېشىنچا 2 مىليارد 725 مىليون دوللارغا يەتتى. ساياھەت ساھەسىدىن كىرگەن كىرىم، 2018 – يىلنىڭ نويابىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 177 مىليون دوللار ئېشىپ، 1 مىليارد 414 مىليون دوللارغا يەتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «بورسا ئىستانبۇل  ئۆسۈمنى بىر خانىغا چۈشۈرۈش مەنزىلگاھىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا. بورسا ئىستانبۇل ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 120 مىڭ رەقىمىدىن ھالقىپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆسۈم نىسبىتى % 10.72 بىلەن 2017 – يىلى يانۋاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. تۈركىيەنىڭ خەۋپ – خەتەر پەرقىمۇ 20 ئاينىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە چۈشتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجاننىڭ ئافرىقا سەپىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بۈگۈن نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، ھەمدە بۇ دائىرىدە يېڭى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجاغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن سودا ھەم سېلىنما ئالاقىسى بار تۈرك كارخانىچىلارمۇ مىنىستىر پەكجانغا ھەمراھ بولىدۇ. پەكجان نىگېرىيەدىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 15 – يانۋار كۈنى ماراكەش – تۈركىيە سېلىنما ۋە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى ھەمدە ماراكەش – تۈركىيە ئورتاق كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتقا ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر