13.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «دولماباھچەدە مۇھىم ئۇچرىشىش (ئۆتكۈزۈلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىستانبۇل دولماباھچەدىكى ئىشخانىسىدا خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراجنى قوبۇل قىلغانلىقىنى؛ ئۇچرىشىشتا، لىۋىيە كېلىشىمى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى يازدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن <لىۋىيە توغرىسىدا  بايانات (بەردى)>» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ، لىۋىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىنىڭ، تۈركىيە ياقلاۋاتقان تىنچلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ كونكرېت نەتىجىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى. گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باياناتچى قالىن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دىپلوماتىيە بىر مۇساپىنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدۇر. مەقسەت، دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىزنىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر» دېگەن.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەلىك مەنسەپدېشى مائىيو بىلەن لىۋىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مائىيونىڭ تۈنۈگۈن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئۇخلاش بوتكىسى مۇلازىمىتى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن ئايرودۇرۇملاردا بار بولغان ئۇخلاش بوتكىسى مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى يازدى. گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان –IGA، يولۇچىلارغا قىلىنىدىغان مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چەت ئەلگە ئۇچىدىغان يولۇچىلار قەۋىتىدە ئۇخلاش بوتكىسى مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، خالىغان يولۇچىلار بوتكىلاردىن سائىتىگە 9 ياۋرو تۆلەپ پايدىلىنالايدىكەن.

«<ستار> گېزىتى»، «پۈتكەن چېغىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تونېلى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: غازىئانتەپ – ئوسمانىيە – ئادانا تېز پويىز قۇرۇلۇشىنىڭ توروسلار تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 9800 مېتىرلىق تونېلنىڭ كۆپ قىسمى پۈتتى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن قوش يۆنىلىشلىك تۆمۈر يولى تونېلى 5 سائەت 20 مىنۇتلۇق پويىز سەپىرىنى بىر يېرىم سائەتكە قىسقارتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر