03.12.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

03.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئەردوغان بىلەن پۇتىن 8 – يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 2020 – يىلى 8 – يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ 2020 – يىلى يانۋاردا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى قارادېڭىز ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى. پۇتىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا بۇ ئالەمشۇمۇل لايىھەنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنى ئاقدېڭىزدا لىۋىيە بىلەن قوشنا دۆلەتكە ئايلاندۇرغان كېلىشىم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى فەيز ئەسسەرراج دەنىز، ھوقۇق ساھەلىرىگە چەكلىمىگە قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسىنى 27 – نويابىر كۈنى ئىمزالىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مەسىلىلەر ۋە دېڭىزچىلىق – ئاۋىياتسىيە – چېگرا ئىشلىرى باش مۇدىر ۋەكىلى باش ئەلچى چاغاتاي ئەرجىيەس، تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ قايتىدىن دېڭىزدىن قوشنا دۆلەتكە ئايلاندۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى چېگرا لىنىيەلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتىنى ئاممىۋى تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى ئوفىتسېرى پىيادە پولكوۋنىك ئولجاي دەنىزەر، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ 1952 – يىلى 18 – فېۋرال كۈنى ئەزا بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تەشكىلات بولۇپ، دۆلىتىمىزمۇ ھەمىشە زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر ئالبايراق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل ئۈچىنچى چارەكتىكى  ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ % 0.9 كە يەتكەنلىكىنى، تۆتىنچى چارەكتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بولسا يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى % 5 لىك نىشانىمىزغا يەتۈزۈش ئۈچۈن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا، بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشكە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەركەز قىلىدىغان ساھەلەرنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناس نوئرىبېل روئۇبىنى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناس نوئۇرىبېل روئۇبىنى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا  پېرېۋوت نىسبىتى كىرىزىسى ۋە پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىكى بېسىملار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقىمى ئېكسپورتنىڭ يەنىمۇ رىقابەتچى بولۇشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىجابىي داۋاملىشىدۇ ۋە ئالدىمىزدىكى يىل % 3 ئەتراپىدا بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر