02.12.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

02.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇنىڭ قانال ئىستانبۇل ئانالىزى: تارىخ ئۆزگىرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «قانال ئىستانبۇلنى ئېچىشنى باشلىغىنىمىزدا، دۇنيادا دېڭىزچىلىق ۋە قاتناش نۇقتىسىدىن تارىخ ئۆزگىرىدۇ. بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار قانىتى ئاقدېڭىز رايونى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ كۈچەيگەنسېرى ئالدىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ شەكلىنىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

«<ساباھ> گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى يول تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى بەرپا قىلىنماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن بىگۇناھ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يول تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «مىنىستىرلىق چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىپ، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە تۈنۈگۈن ئىرېلاندىيەلىك بىر تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

«<ستار> گېزىتى»، «چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى 41 مىليونغا يېقىنلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىل (2019) نىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %14.47 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، 40 مىليون 719 مىڭ 786 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. تۈركىيەگە مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا 36 مىليون 428 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەنىدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «دوۋن سېندروملۇق تەنھەرىكەتچىمىز تالھا ئاھمەت ئەردەم تارىخىي ئۇتۇق قازاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دوۋن سېندروملۇقلار دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش جۇدو مۇسابىقىسىدە تالھا ئاھمەت ئەردەمنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، بۇ ساھەدە تۈركىيەگە تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى يازدى. (دوۋن سېندرومى – تۇغما دۆتلۈك كېسەللىكى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر