2019.11.22

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1310642
2019.11.22

«يېڭى شەپەق گېزىتى»،  «ھۇلۇسى ئاكار ئۇزۇنلۇقى 145 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈنۈگۈن (21-نويابىر) ئېلان قىلغان بايانىدا،  سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇزۇنلۇقى 145 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر بىخەتەر رايون ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھەرىكەت رايونىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىدىن تاجاۋۇز خاراكتېرلىك ھۇجۇملارمۇ يۈز بەرمەكتە. ھەرىكەت دائىرىسىدە، 4219 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھە ۋە 600 تۇرالغۇ رايونى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى» دېدى.
«ۋەتەن گېزىتى»، « تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى
خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكاس مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيە ھەققىدە ھەقىقەتلەرنى  بۇرمىلىغان ھالدا ئېلان قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۇرۈپ: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى، كۆچمەنلەر  ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن كېرەكلىك ياردەملىرىگىمۇ  ئېرىشەلمەسلىكتەك ئىنسانىيەتكە  خىلاپ ناچار شارائىتلىرىنى تۈزۈتۈشكە، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«ساباھ گېزىتى»،  «ئەردوغان بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېزا ئېگىلىكى مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 7 - ۋە ياۋروپا بويىچە 1 -  ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان تۈنۈگۈن بەشتەپە كونگرە ۋە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە يېزا ئېگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «ئورمان ياڭىقى، گىلاس، ئۆرۈك ۋە بىيە ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىمىز. دۇنيادىكى 195 دۆلەتكە 1690 تۈرلۈك يېزا ئېگىلىكى مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلماقتىمىز» دېدى
«سىتار گېزىتى»، «ھەسەل ئېكسپورتى ئارقىلىق 10 ئايدا 18 مىليون دوللار كىرىم قىلدۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى

تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا ئېغىزلارغا تەم بەخش ئېتىۋاتقان تۈركىيە ھەسەلى ئېكسپورت سودىسىدا، يانۋاردىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 18 مىليون 406 مىڭ 57 دوللار كىرىم قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ھەسەل ئېكسپورت بازىرىدا، گېرمانىيە 10 ئايلىق مەزگىلدە 1461 توننا، يەنى 5 مىليون 981 مىڭ دوللارلىق ھەسەل سېتىۋېلىپ 1 - ئورۇنغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر