21.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1309972
21.11.2019

 «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇھىم باياناتلارانى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەسئۇللىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايونلۇق كۈچ سۈپىتىدە مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەيلى سۆھبەت ئۈستىلىدە بولسۇن، مەيلى ساھەدە بولسۇن، دۆلىتىمىزگە قارىتا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. پەقەت يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدىلا سۈرىيەدە، ئىراقتا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى زور غەلىبە ھېسابلىنىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساسسولى بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولغان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىريۇسسېلدا  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دەيۋىد ساسسولى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشىمىز سەمىمىي ۋە ناھايىتى ياخشى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «سويلۇ 368 مىڭ 217 سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلىش داۋامىدا بۇ يىل 363 بولۇپ، جەمئىي 1144 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  دائېش ۋە پ ك ك/ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ  بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە 368 مىڭ 217 سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «<تۈرك ئېقىمى> لىنىيەسىدە ھەر ئىككى تۇرۇبا لىنىيەسى تەبىئىي گاز بىلەن توشقۇزۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم، قۇرۇلۇشى «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى دائىرىسىدە تاماملانغان ھەر ئىككى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭمۇ تەبىئىي گاز بىلەن توشقۇزۇلغانلىقىنى، تۇرۇبا لىنىيەسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدىكى رۇسكايا كومپرېسسور ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«‹ستار› گېزىتى»، «يەرلىك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تېررورچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق پەرقلەندۈرەلەيدىغان يېڭى ئالاھىدىلىك قوشۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرى قۇرۇلۇشى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ چاۋۇشئوغلۇ، يەرلىك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان كامېرالارنىڭ، تېررورچىلارنىڭ  پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە دوكلات قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، يەرلىك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ پۇقراۋى پائالىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر