15.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1307030
15.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نى، رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىدا ناتو دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھەم ئېغىزچە ھەمدە دوكلاتلار بىلەن چۈشەندۈرۈشىنىڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ تۋىتتېردا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا كۆرسەتكەن «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ناملىق ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «كۆرسەتكەن ۋىدېئودىن ھەممىدىن بەك ترامپ تەسىرلەندى» دېگەن.

ۋىدېئودا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ كودى «مەزلۇم كوبانى» بولغان كاتتىبېشى فارھات ئابدى شاھىن قىلغان قەتلىئاملارنىڭ ئۆرنەكلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئامېرىكا زىيارىتىدە، «سىزگە رۇسىيە دۈشمەنمۇ ياكى ئامېرىكامۇ؟» دەپ سوئال سورالغانلىقىنى؛ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «مەن دۈشمەن پەيدا قىلىشنى خالىمايمەن. ئامېرىكانىڭ ھەم رۇسىيەنىڭ دوستۇم بولۇشىنى خالايمەن. بۇنىڭغا ئاساسەن قەدەم تاشلاۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن، تەڭ پايدا يەتكۈزۈش دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ساڭا دۈشمەنمۇ، مەنمۇ؟ دەپ سورىساڭلار بولامدۇ. مۇنداق ئىش يوق. ئەمدى بۇ سىياسەت ئاخىرلاشتى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۈنۈگۈن (14-نويابىر) كەچتە H گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ئاخىرلىشىشقا بىر ھەپتە قالغاندا 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر