08.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1302731
08.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوس: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغىن» شوئارى ئاستىدا 28 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى كۆچەت تىكىش سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، 11 مىليون 47 مىڭ 430 كۆچەت تىكىش نىشانىدىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ھالقىپ ئۆتۈلدى. جۈملىدىن كۆچەت تىكىش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ سانى 12 مىليون 915 مىڭ 319 غا يەتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى 11 – نويابىر كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. ئەردوغاننىڭ بۇ چاقىرىقى  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئەنقا رېكورت ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىز ئەنقا كۆكتە 26 سائەت 30 مىنۇت ئۇچتى، شۇنىڭ بىلەن يېڭى رېكورت ياراتتى.

ئەنقا ھاۋا شارائىتى ناچار بولسىمۇ كېچە – كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بېرىش، كۆزىتىش، تۇراقلىق ۋە ھەرىكەتلىك نىشانلارنى ئېنىقلاپ چىقىش، ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنۈشلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.

«‹ستار› گېزىتى»، «ۋاشىنگتون تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى كۆزىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كاتىپى ئېللېن م. لورد، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق يېقىندا رايوندىكى ئايروپىلانلارنى كۆزىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى پائالىيەتكە ئۆتۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى تېز ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «دۇنيانىڭ 2019 – يىللىق كۈز پەسلى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ بۇلتۇرقى  پېرېۋوت نىسبىتى كىرىزىسىدىن كېيىن ئىشلەنگەن پۇل – مۇئامىلە ساھەسىنى جانلاندۇرۇش خىزمەتلىرى ۋە ئېكسپورت مىقدارىدىكى ئېشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ناھايىتى تېز ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ 2020 يىلى % 3.1، 2021 – يىلى % 3.5 بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىليونېرلارنىڭ ئامانەت پۇلى 9 ئاي ئىچدە 145.4 مىليارد لىراغا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بانكا ھېساباتىدا بىر مىليون تۈركىيە لىراسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئامەت پۇلى بار بولغان پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ سانى 9 ئاي ئىچىدە 26 مىڭ 763 كە، ئۇلارنىڭ ئامەت پۇلىنىڭ سانى بولسا 145.4 مىليارد لىراغا يەتتى.

مىليونېرلارنىڭ سانى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا 206 مىڭ 889 غا، ئۇلارنىڭ ئامەت پۇلىنىڭ مىقدارى بولسا بىر تىرىليون 255 مىليارد 273 مىليون لىراغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر