07.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1301806
07.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى نەتىجىسىدە ئىككى رەھبەرنىڭ 13 – نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈلگەن.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر دۆنمەز <فاتىھ> ناملىق پاراخوتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «12 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنى ۋە يەرمەنكىسى» نىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<فاتىھ> ناملىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىمىز فىنىكەدىكى پائالىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېقىلغۇ قاچىلاش ئۈچۈن مەرسىن تاشۇجۇ پورتىغا كەلدى. بىرقانچە كۈنلۈك يېقىلغۇ قاچىلاش ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، تەكرار بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن سېتىۋالغان رايوندا  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە قورقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئانتاليادا بەرگەن باياناتىدا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قەتئىي، ئاكتىپ ۋە قورقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، پۈتكۈل دۇنيا بۇنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتمەكتە.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «سۈرىيەدە بىخەتەر ئۇچۇر - ئالاقە خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دىن كېيىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك دىن تازىلانغان رايونلاردا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلاندى. تۈركىيە، دوختۇرخانا، ناۋايخانا ۋە پوچتىخانا قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن سىرت يەنە، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون تورى مۇلازىمىتىنىمۇ مەركىزى گازىئانتەپتىكى يەرلىك بىر شىركەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇ ھەم سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قىيىنچىلىقتىن خالىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىدا، ھەمدە بۇ سايىدا ئېرىشىلگەن مۇھىم ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئۆكتەبىر ئېيىدا 267.3 مىليون دوللارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ئېكىسپورت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتچىلىرى بىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدا 267 مىليون 293 مىڭ 310 دوللارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورت قىلىنغان. 10 ئايلىق ئېكسپورت مىقدارى بولسا 3 مىليارد 488 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر