06.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1301046
06.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (5-نويابىر) ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدىكى بىخەتەر رايوندا تېخىچە تېررورىستلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «بېكىتىلگەن بىخەتەر رايون چېگرالىرى ئىچىدە تېررورىستلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. تېررورىستلارنى چىقاردۇق دەپ بىزنى ئالدىيالمايدۇ. بىخەتەر رايون چېگرالىرى سىرتىدىكى تېررورىستلار خەۋپسىزلىك تارماقلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. بۈگۈنگىچە بولغىنىغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ نېمە قىلىشىمىز كېرەك بولسا، شۇنى قىلىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تەييارلانغان «2018-يىللىق تېررورلۇق دوكلاتى» نىڭ، تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. فۇئات ئوكتاي مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكانىڭ دوكلاتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىز بولسۇن، ياكى ي پ گ غا قارشى كۈرىشىمىز بولسۇن ھېچقايسىسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ. بىز بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايمىز.»

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈنۈگۈن (5-نويابىر) تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سوچى كېلىشىمى رامكىسىدا، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئورتاق چارلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شانلىئۇرفا ۋىلايىتى سۇرۇچ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى بىر نۇقتىدىن تۆت ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەركىپ تاپقان تۈركىيە ھەربىي قىسمىنىڭ، ئورتاق چارلاشقا قاتنىشىش ئۈچۈن چېەرادىن ئكتۈپ رۇس ھەربىي قىسمى بىلەن ئۇچراشقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى، ئاينۇلئارابنىڭ شەرقىي بىلەن تېلئابيادنىڭ غەربى قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا چارلاش ئېلىپ بارغان.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ «خەلقئارا ئايرودۇرۇملارنى باھالاش ژۇرنىلى» (International Airport Review) ئۇيۇشتۇرغان «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سايلىمى» ناملىق مۇسابىقىدە، «يىلنىڭ ئايرودۇرۇمى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

«ستار گېزىتى»، 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئېچىلغان دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان شىرناكنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزىدىن ئىراقنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قىلىنغان ئېكسپورت ھەجىمىنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %18 ئېشىپ، 1 مىليارد 679 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر