05.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

05.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر تېپىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ رەسۇلەين ناھىيەسىدە تېررورچىلارغا ئائىت ناھايىتى چوڭ بىر قورال - ياراغ ئىسكىلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ يەردىكى قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك غا ئون مىڭلارچە يۈك ئاپتوموبىللىق قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئەۋەتىپ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرغانىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا پۇقرالارغا، تارىخىي/دىنىي يادىكارلىقلارغا زىيان يەتكۈزۈلگىنى يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا، پۇقرالارغا، تارىخىي، دىىي يادىكارلىقلارغا، مۇھىتقا قىلچە زىيان سېلىنمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين رايونلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ ھەرىكەتتە قىلچە زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «قازاقىستان تۈركىيە ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى بازىسى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قازاقىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئابزال سەپەربېكۇلى، 10 – نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان «تۈركىيە – قازاقىستان سودا – ئىقتىساد ۋە سېلىنما مۇنبىرى» يىغىنى ھارپىسىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئىمكانىيەتلەر ھەم پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. قازاقىستان تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇكەممەل مەبلەغ سېلىش بازىسى بولالايدۇ.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆكتەبىر ئېيىدا % 0.7 كېمىيىپ، % 9.26 تىن % 8.55 كە تۆۋەنلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پۇل پاخاللىقى تەخمىنەن ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولدى. ئۆكتەبىر ئېيىدىكى يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. 

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرىشىمىز مېۋە بېرىشكە باشلىدى» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

2020 – يىللىق جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى يىللىق خامچوت پىروگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، كېلەر يىلى ئېنېرگىيە ساھەسىگە 13 مىليارد 864 مىليون لىرا مەبلەغ سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. تۈركىيە 2020 - يىلى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى قانۇنلۇق دېڭىزدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەردە ئۇدا 5 قېتىم دېڭىزدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر