04.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

04.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ۋەتەن> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇيۇقسىزلا سۈرىيە چېگراسىدا زىيارەتتە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شانلىئۇرفادىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغانغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ئۈمىت دۈندار، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈك ئاقيۈز، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندان ئادمېرال ئادنان ئۆزبال ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىقلار ھەمراھ بولغان.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «بوۋاق قاتىلى ي پ گ / پ ك ك غا ئۆكتەبىردە ئېغىر زەربە (بېرىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سالماقچى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك غا قارشى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 1090 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بار ئىككى تېررورچىنىڭمۇ بارلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ، جەنۇبىي چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە 9 - ئۆكتەبىردە باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەشكىلاتقا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى ئىتتىپاقداش دەپ ئاتىغان فىرانسىيە پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ، «تارىخىي ھەقىقەتلەرنى نەزەردە تۇتماستىن، ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنى ۋە پ ك ك / ي پ گ نى ئىتتىپاقداش دەپ ئاتاپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىرانسىيە پارلامېنتىنى ئەيىبلەيمىز، ساغلام پىكىر يۈرگۈزۈشكە چاقىرىمىز، بۇ تارىخىي ۋە قورقۇنچلۇق خاتالىقلاردىن ۋاقتىدا يېنىۋېلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ستار> گېزىتى»، «ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتتى! تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنى <بىز دۆلىتىمىزدە باشلىغان بىلىم ۋە پەن – تېخنىكا سەپەرۋەرلىككە ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن> دېگەن چاقىرىقىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 14 مىڭ تۈرك دوختۇرنىڭ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، تېببىي ساھەدىكى خىزمەتلىرى بىلەن بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەنقەرە شەھەر دوختۇرخانىسىنىڭ خەلقئارا ئىنتېرنېت تورى مۇنبىرىدە ئۇچراشقانلىقى قەيت قىلىندى. خەۋەردە كۆرسىلىتىشىچە، 14 مىڭ ئىلىم ئەھلى سەھىيە ساھەسىدە دۇنيا بازىسى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتقان تۈركىيە ئۈچۈن دورا، تېببىي لازىمەتلىك قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، تارىخىي ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىدىكەن.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «خىتايدىن ياۋروپاغا بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى 6 – نويابىردا ئەنقەرەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خىتايدىن يولغا چىقىپ تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى «China Railway Express» نىڭ قارس ئارقىلىق تۈركىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى، پويىزنىڭ 6 – نويابىردا ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىشى بىلەن قاتناش ۋە ئۇل – ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە تارىخىي ئەنقەرە ۋوگزالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا خىتاي ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر