31.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1297583
31.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1915 – يىلقى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرى ئېتىراپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەم ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە ھەم پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چىقىرىلغان بۇ قارارنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، جۈملىدىن بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى قوبۇل قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چىقىرىلغان قارارلار قانۇنغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىمەنە قانۇن لايىھەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە چىقارغان بىمەنە قانۇن لايىھەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئامېرىكا دائىرىلىرىغا بىلدۈردۇق. ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا نارازىلىقىمىزنى ئوتتۇرغا قويدۇق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈركىيەگە قارشى چىقىرىلغان ئىككى قارارنىڭ سەۋەبى، سۈرىيەدە سۇيىقەستلىك ئويۇننى تارمار قىلىشىمىزدۇر. شۇڭا ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق چىقارغان قارارلىرىغا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، ھەمدە بۇ قارارلارنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلەرنى قارىلاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى جاكارلاندى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە – رۇسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى ئارا مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىنى،  مۇزاكىرىلەردە، «سوچى كېلىشىمى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ساھەدە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار تاكتىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر