28.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

28.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئەردوغان ئۆلتۈرۈلگەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى باغدادى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ: (بۇ بىر) بۇرۇلۇش نۇقتىسى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، تېررورىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان كۈرىشىمىزنىڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «بارلىق تېررور كاتتىباشلىرىنى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ ۋاقتى كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تېررورىزمغا قارشى دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرخىل شەكىلدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«<ستار> گېزىتى»، «سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن 240 مىليون يولۇچى پايدىلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يولۇچى يۆتكەش بىناسىدىن 2009 – يىلى 31 – ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى 10 يىل ئىچىدە 240 مىليون يولۇچىنىڭ پايدىلانغانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى  يولۇچىلار سانىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ 2018 – يىلى 34 مىليون 58 مىڭ يولۇچىغا خىزمەت قىلغان بولۇپ، 2019 – يىلى بۇ ساننىڭ 36 مىليون يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «8 ئايدا 80 دۆلەتكە 100 مىليون دوللارلىق تېرە ئېكسپورت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەدىن مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار – ئاۋغۇست ئايلىرى ئارىسىدا 80 دۆلەتكە 100 مىليون دوللارلىققا يېقىن تېرە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دائىرىدە ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن 16 مىليون 780 مىليون دوللار بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتكە سېتىلغان مەھسۇلاتلار ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ %16 ىنى تەشكىل قىلغان.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ياش ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر 17 ئالتۇن مېدال (ئالدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ، رۇمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار ۋە 23 ياشتىن تۆۋەنلەر ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 17 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 13 مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر