25.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1294521
25.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەردوغان ۋاقتى كەلگەندە مۇساپىرلارغا ياۋروپاغا بارىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ تەكلىپنى سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈز مىڭلارچە مەسۇم كىشىلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە باشقا كۈچلەرگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ياۋروپاغا بارىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى ئاچىمىز دېگەن ھامان ياۋروپالىقلار قورقۇپ تىترەپ كېتىدۇ، ئەي ياۋروپالىقلار!  قورقمىساڭلارمۇ بولىدۇ، چۈنكى ۋاقتى كەلگەندە مۇساپىرلارغا چېگرا ئېغىزلىرىمىز ئېچىۋېتىلىدۇ.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» تېمىلىق قارارنامىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە چىقارغان قارارنامىسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دەرۋەقە، بۇ قارارنامىدە، سۈرىيەدىكى پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەم قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيەنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە خىزمەت قىلىنغان، ھەمدە دەلىل - ئىسپاتسىز دەۋالارغا ئېتىبار قىلىنغان.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «سۈرىيە مەسىلىسىدە سۆھبەت سىرتىدا قالغان ياۋروپا چارىسىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سۈرىيەدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئۆزگەرتكەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم  نەتىجىسىدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ياۋروپا ئەللىرى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدى.

«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» تۈپەيلى تۈركىيەگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئەنقەرەنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن، ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن گېرمانىيە »بىخەتەر رايون» شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تىرىشچانلىقلار سۈرىيە مەسىلىسىدە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئەردوغاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن قوشۇن چېكىندۈرگەنلىكلىرىنى ئىقرار قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېفرېي، ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا بەرگەن باياناتىدا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مۇھىم بىر سىرنى ئاشكارىلىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پالاتا ئەزالىرىدىن رومنېي، «ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپغا تېلېفون قىلىپ، <بىز كېلىمىز، سىلەر چېكىنىڭلار، دېدىمۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن بىز دەرھال ئەسكەر چېكىندۈردۇقمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا، جېفرېي مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاساسىي جەھەتتىن شۇنداق بولدى. بىزنىڭ چېكىنىپ چىققان قىسىملىرىمىز تۈركىيە قىسىملىرى كىرىدىغان جايلاردا ئىدى. بۇ، ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئارىسىدا قالماسلىق ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەنتىقىلىق بىر ھەرىكەت ئىدى. ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنمىگەن بولسىمۇ، تۈركىيە بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ باراتتى.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى 3 يىل ئىچىدە 3.2 مىليون ئاشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي «يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى» دائىرىسىدە، 3 يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ 3.2 مىليون كىشى ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ مالىيەگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىنى، 2020 – يىللىق نىشانلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى % 9.8 كە تۆۋەنلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر