24.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

24.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە 6 يىلدا سىزىپ چىقىلغان خەرىتىنى 14 كۈندە ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئېلىپ بارغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىككى مۇھىم كېلىشىم ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا 6 يىلدا سىزىپ چىقىلغان خەرىتە 14 كۈندە كۈلگە ئايلاندى.

«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىككى كېلىشىم، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ساھەدىكى مەۋجۇدىيىتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى دۇنيانىڭ سۈرىيە سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىدىن سىرتىغا سىقىپ چىقىرىۋەتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «رۇسىيە پ ي د/ي پ گ چېكىنمىسە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا  ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ي پ گ / پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى، ئەگەر پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرى چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، سۈرىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە پ ي د/ي پ گ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىم، ئەگەر چېكىنمىسە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇرسەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، جۈملىدىن بۇ باسقۇچ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن  ئىزچىل كۆزىتىلمەكتە. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازايتىلىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، <سوچى كېلىشىمى> سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلايدۇ.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،  «تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرراھمان قائان، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكى كەينىگە چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مۆلچەرلەرگە قارىماي ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان  پېرېۋوت نىسبىتى ھۇجۇملىرىنى تېزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئېكىسپورت ئىشلىرىنىڭمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە كەسپ قىلىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە 33 – رەتكە تىزىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ «دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى» غا ئالاقىدار دوكلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  تۈركىيەنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە دۇنيا بويىچە 33 – رەتكە تىزىلغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن، يەنە 10 بالداق يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر