23.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

23.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئامېرىكادىن كېيىن، رۇسىيە بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سوچى شەھىرىدىكى كۆرۈشۈشىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈ لدى.

خەۋەردە، 150 سائەت ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ئەزالىرىنىڭ قورال-ياراغلىرى بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن 30 كىلومېتىر سىرتقا چىقىرىلىدىغانلىقى ۋە رايوندا تۈركىيە-رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بىرلىكتە چارلاشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ سىرتىدا يېڭى ھەرىكەتكە كېرەك قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 120 سائەتلىك مۇددەتنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا تەرىپىدىن پ ك ك|ي پ گ نىڭ رايوندىن چېكىنىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كرىستىيان لىندمېيىر (Christian Lindmeier) سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك تەرەپدارلىرى ۋە بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن تارقاتقان ئاق فوسفوردا كۆيۈپ كەتكەن كىشىلەر فوتوگرافلىرىنىڭ، بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈرىيەدىكى ئوخشىمىغان توقۇنۇش رايونلىرىدىن كەلگەن فوتوگرافلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كرىستىيان لىندمېيىرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «The Times» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى سارا تور (Sara Tor) تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ|س د گ نىڭ، تۈركىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تېررورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يازغۇچى سارا تور پ ك ك نىڭ تۈركلەرگە ۋە كۈرت (كورد) لەرگە سالغان زىيانلىرىنى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر