22.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

22.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ستار› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 120 سائەت كېلىشىم توغرۇلۇق مۇھىم بايانات بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن «‹ TRT World › مۇنبىرى» يىغىنىدا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنىڭ 120 سائەتلىك بۆلۈمىنىڭ كۆپ قىسمى ئاخىرلاشتى. ئەتە سوچىدا زىيارەتتە بولىمىز. زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت پۇتىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز، ئاندىن بۇ ھەقتە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى 120 سائەتلىك توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا 35 سائەت قالغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «<World › مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توختالغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى 120 سائەتلىك توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا 35 سائەت قالدى، بۇ جەرياندا ي پ گ / پ ك ك چېكىنىپ چىقىپ كەتمىسىە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان  «<World › مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 17 – ئۆكتەبىر كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، كېلىشىمگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ تاماملىنىدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ يېغىۋېلىنىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق پاناھ جايلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرى ئورۇندىلىشىدىن كېيىن، ي پ گ / پ ك بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى تاماملىنىدۇ.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئوكتاي تەخمىنەن 2 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىخەتەر رايونغا تەخمىنەن 2 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەننى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى ۋە <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا رايونغا 365 مىڭ كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىنى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇش ئىراىمىز قەتئىيدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين شەھەر مەركەزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 65 ئولتۇراق رايونى تېررورچىلاردىن تازىلىنىپ، كونتىرول ئاستىغا ئېلىندى.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«ساياھەت پايتەختى ئانتاليا» كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى شەھەر تارىخىدا تۇنجى قېتىم 14 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى، بۇ مۇۋەپپەقىيەت ساياھەت شىركەتلىرىنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى.

تۈركىيە مېھمانسارايلار فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئايىق، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئانتاليانىڭ ساياھەت ئىشلىرىدا كۈتۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدىمۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، جۈملىدىن يىل ئاخىرىغا بارغاندا ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنى 16 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر