21.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

21.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئەردوغان: دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدە ئۆز قارارىنى ئۆزى چىقىرىدىغان دۆلەتمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە ئۆز قارارىنى ئۆزى چىقىرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە ھېچكىمنىڭ ئىجازىتىگە ئېھتىياجلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پەقەت 9 كۈن ئىچىدىلا 765 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاينى قۇتقۇزغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «120 سائەتلىك مۆھلەت ئاخىرلاشقان ھامان، ۋەدىلەر ئورۇندالمىسا ھەرىكەتنى توختىتىلغان يەردىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، بۇ قېتىم تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرۇشلىرىدۇر» دېگەن.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى خىمىيەلىك قورال ئويۇنى سەھنىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن 120 سائەتلىك مۆھلەت بىلەن چېكىنىشكە باشلىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ پۇقرالارنى قەتلى قىلىپ، (گۇناھنى) تۈركىيەگە ئارتىپ قويۇشنى نىشان قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە،  مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىكى خىمىيەلىك قوراللارنى ئېلىپ ئىراقتىن يولغا چىققان 6 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سەمەلكا رايونىنى بېسىپ ئۆتۈپ سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «خۇلۇسى ئاقار: قوراللىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىر گىراممۇ خىمىيەلىك قورال يوق (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، يالغان ۋە پەسكەشلەرچە خەۋەرلەر ئارقىلىق خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىدە خىمىيەلىك قورال، خىمىيەلىك ئېتىش ۋاسىتىسى ۋە خىمىيەلىك ئوق – دورا  يوقلۇقىنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ي پ گ / پ ك ك ئەزالىرىنىڭ يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاقار، «بۇ پەسكەشلەرگە قارشى پەقەت (ئەمەلىي كۈرەش) ساھەسىدىلا ئەمەس، ئۇچۇر ئۇرۇشلىرى دائىرىسىدىكى كۈرىشىمىزمۇ كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

«<ستار> گېزىتى»، «تۈركىيە ياۋروئاسىيانىڭ ئۇچۇر مەركىزى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە «Data Center Expo Eurasia» يەرمەنكىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى، 35 دۆلەتتىن 250 ئەتراپىدا ماركىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يەرمەنكىدە ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2019 يىلى 11- ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ئىستانبۇل يەرمەنكە مەركىزىدە ئېچىلىدىغان يەرمەنكە، تۈركىيەنى رايونلۇق بىر كۈچ سۈپىتىدە نامايان قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر ئۇچرىشىش بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئىستانبۇل دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ قاتارىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ساياھەت تورى – فلايت نېتۋوركنىڭ، مىڭدىن ئارتۇق ساياھەت يازغۇچىسى ۋە ساياھەت شىركىتى بىلەن ئەلرايىنى سىناش ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل 50 شەھىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تىزىملىكتە تۈركىيەدىن ئىستانبۇل شەھىرى 17 – قاتاردىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر