17.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇنبىچتىن ئىراق چېگراسىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق مۇھىم باياناتلارنى بېرىپ مۇنداق دېدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىمىز مۇنبىچتىن تاكى ئىراق چېگراسىغىچە داۋاملىشىدۇ.»

«‹ستار› گېزىتى»، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ باشقىلارنىڭ تېررورچىلار دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلانىنى تارمار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قوزغىغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەرنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇشلىرىنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ تېررورچىلار دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلانىنى تارمار قىلىشىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ بىزگە ئەنە شۇنداق ھۇجۇم قىلىشلىرىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەنلىكىدىندۇر.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىخەتەر رايوننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قۇرماقچى بولغان بىخەتەر رايون ھېچبىر شەكىلدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىدىمۇ تېررورچىلارنىڭ ئۈستىدە بوران – چاپقۇننىڭ دەھشەتلىك سادالىرى ياڭرىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە تېررورلۇق نىشانلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان، تۈركىيەنىڭ يەرلىك مىللىي مەھسۇلاتى بولغان « T-155 » تىپلىق بوران – چاپقۇنلۇق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» مۇ ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە ئىشلىتىلمەكتە. «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىشتا ئىشلىتىلىۋاتقان بوران – چاپقۇنلۇق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر دەل نىشانغا تەككۈزۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تېررورچىلارنىڭ ۋەھىمىسىگە ئايلانماقتا.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «باكۇ - جەيھان – تىفلىس تۇرۇبا لىنىيەسىدىن 3.3 مىليارد ۋارىللىق نېفىت ئاقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

باكۇ - جەيھان – تىفلىس خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئادانانىڭ جەيھان ناھىيەسىدىكى ھەيدەر ئەلىيېۋ دېڭىز ئىستانسىسىدىن 2006 – يىلدىن بۇيان 4 مىڭ 300 دىن ئارتۇق نېفىت ئاپتوموبىلى ئارقىلىق 3 مىليارد 314 مىليون 965 مىڭ ۋارىل خام نېفىت يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر