14.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.06.2019

يېڭى شەپەق گېزىتى «چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانىڭ <س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق يازغان خېتىغا جاۋاب قايتۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق يازغان خېتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: <بۇ خەتنىڭ ئۇسلۇبى توغرا ئەمەس، بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز، ھېچكىم تۈركىيەگە ئۇلتىماتۇم بېرەلمەيدۇ، تۈركىيە <س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولدى، بۇ سىستېما يېقىندا تۈركىيەگە كېلىدۇ، تۈركىيە بۇنداق خەتلەردىن قورقۇپ بەرگەن قارارىدىن ۋاز كېچىدىغان دۆلەت ئەمەس>.»

ساباھ گېزىتى «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنلار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنلار قايسىلار؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىزىملىك ئاخىرى ئېلان قىلىندى. <دۇنيا ھەربىي كۈچى>( Globalfirepower) ناملىق تور بېتىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ئوخشاش ئەھۋالى ئاساس  قىلىنىپ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى باھالاندى، يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى يىغىپ كەلگەن مەزكۇر تور بېتىنىڭ باھاسىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ،  50 دۆلەت ئىچىدە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.»

ۋەتەن گېزىتى «تۈركىيەگە پۇل سەلدەك ئاقتى!چەتئەل سېلىنمىلىرى كەلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «دۇنيا مىقىياسىدا بىۋاستە چەت ئەل سېلىنما مىقدارى 2018-يىلى %13 ئازىيىپ 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى. تۈركىيە 2018-يىلى غەربىي ئاسىيا رايونىدا ئەڭ كۆپ چەت ئەل سېلىنمىسى جەلپ قىلغان دۆلەت بولدى، تۈركىيەگە بىۋاستە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى %13 ئېشىپ 13 مىليارد دوللارغا يەتتى.»

ستار گېزىتى «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۇنجى <چۈش ئايروپىلانى> پەرۋاز قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى يازدى: «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن <چۈش ئايروپىلانى>دەپ تەرىپلەنگەن تۇنجى بويىڭ <787-9>تىپلىق ئايروپىلان پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. بويىڭ شىركىتىنىڭ <ئېۋېرت>ناملىق بازىسىدىن سىناق ئۇچۇشى ئۈچۈن قوزغالغان <  TC-LLA > قۇيرۇقلۇق ئايروپىلان، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 14140 كىلومېتىر مۇساپىلىق < B787-9 >تىپلىق ئايروپىلان تۈركىيەدە 8-ئىيۇندىن باشلاپ ئىستانبۇلدىن ئانتالياغا رەسمىي قاتناشقا باشلايدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى «پارىژدا تۈرك باھارى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى <مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلانى>نىڭ تۇنجى مودېلىنى 17-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا پارىژ يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرىدۇ. تۈركىيە شۇنداق قىلىپ يېڭى ئەۋلاد ئايروپىلان كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتايدىن قالسا ئىشلەپچىقىرالايدىغان تېخنىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.»


خەتكۈچ: تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر