12.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

12.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ ئامېرىكانىڭ باسقان قەدەملىرىگە قارشى ئەنقەرە بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە بارلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ۋە ھەر قانداق ئۆزگىرىش بولماستىن ئورۇنلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى توماس برايس (Thomas Bareiss) نىڭ، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2019-يىلى يانۋاردىن ماي ئېيىغىچە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تەييار كىيىم-كېچەك، ئاپتوموبىلدىن مېۋە-كۆكتاتقىچە، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگىچە بولغان 27 ساھەدە ئىشلەپچىقىرىلغان 29.8 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتنى دۇنيادىكى 227 نۇقتىغا يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، رۇسيە ساياھەتچىلىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشنى تاللاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل (2019) نىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيە ساياھەتچىلىرى سانى ئېستونىيەنىڭ 1 مىليون 300 مىڭلىق نوپۇسىغا يېقىنلاشقان. مەسئۇل كىشىلەر بۇ يىل 6 مىليوندىن ئارتۇق رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلماقتا ئىكەن.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئايدىننىڭ كۇشاداسى (قۇش ئارىلى) ناھىيەسىگە، تۆت چوڭ پاراخوت بىلەن 4 مىڭ 800 ساياھەتچى بىلەن 2 مىڭ 370 پاراخوت خىزمەتچىسى يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاراخوتتىكى كۆپىنچىسى ئامېرىكالىق ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاپتوبوس بىلەن ئەفەس ۋە مەريەم ئانا چېركاۋىنى زىيارەت قىلغان. ساايھەت پىروگراممىسىغا قاتناشمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر