11.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1216362
11.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش مانىۋېرى باشلاندى. پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان مانىۋېردا، قىبرىس تۈرك كۈچى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ھەيۋە كۆرسىتىدۇ. مانىۋېر جەريانىدا تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىدۇ.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، بالتىق ۋە خەلقئارا دېڭىزچىلىق ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىسى بولغان بىر تۈرك ئايال تەيىنلەندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان «پاك – پاكىز ۋە يېشىللىققا پۈركۈنگەن كۆك لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، شادان كاپتانئوغلۇنىڭ بالتىق ۋە خەلقئارا دېڭىزچىلىق ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بالتىق ۋە خەلقئارا دېڭىزچىلىق ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىسى بولغان بىر تۈرك ئايالنىڭ تەيىنلىنىشى ھەممىمىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور شان – شەرەپتۇر. خەيرلىك بولسۇن!»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «دوكتور ئەمرە ئوجاق تېببىي ساھەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان بىر  جەمئىيەت بولغان  «< Politzer > جەمئىيىتى»، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇلاق كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىن ئەڭ مۇھىم مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان  «< Politzer > مۇكاپاتى» غا، بۇ يىل ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇلاق-بۇرۇن-بوغۇز كېسەللىكلىرى ۋە خىرۇرگىيە بۆلۈمىدىن دوكتور ئەمرە ئوجاقنى لايىق كۆردى.

دوكتور ئوجاق، «ئىچكى قۇلاققا نانو زەررىچىسى ئارقىلىق دورا يوللاش» تېمىلىق تەتقىقاتى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە،  بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بولۇپمۇ ئىچكى قۇلاق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى  ۋە كۆپلىگەن تەڭپۇڭسىزلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچقۇچى بولۇشنى خالايدىغانلار كۈتۈۋاتقان ئېلاننى تارقاتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ فىلوتلىرى ۋە ئۇچۇش نۇقتىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئۇچقۇچى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇچقۇچى بولۇشنى خالايدىغان مىڭلارچە ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرگەنلەر كۈتۈۋاتقان ۋە كەم دېگەندە ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ئىلتىماس سۇنالايدىغان ئىككىنچى ئۇچقۇچى نامزاتى ئېلانىنى تارقاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېلان 2019 – يىلى 29 – ئاۋغۇست سائەت 15 كىچە تارقىتىلىدىكەن.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ داستىخىنىغا ئىنەگۆل گىلاسى ئىلاۋە قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بۇرسادا ئىنەگۆل ناھىيەسىدە يېتىشتۈرۈلىدىغان «ناپولېئون گېلاسى» ئۈچۈن ھوسۇل زامانى يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە، بۇ يىل 3 مىڭ توننا گىلاس ئەنگلىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. گىلاستىن ئەنگلىيە خان جەمەتىگىمۇ ئەۋەتىلدى. ئالدىنقى يىلى ئىنەگۆل رايونىدىن 800 توننا ئەتراپىدا گىلاس ئېكسپورت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر