10.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، 2018 – يىلى تۈركىيەدىن 2 مىليارد 325 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە ۋە ئوتياش (كۆكتات) ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ھاۋا يولى بىلەن 18 مىليون 58 مىڭ دوللارلىق يېڭى مېۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 6691 توننىغا يەتكەن ياش مېۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورتى قىممەت نۇقتىسىدىن بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %71 ئاشقان. ھاۋا يولى ئارقىلىق ئەڭ كۆپ مېۋە ۋە ئوتياش 3 مىليون 202 مىڭ دوللار بىلەن خوڭكوڭغا قىلىنغان. خوڭكوڭدىن قالسا 2 مىليون 229 مىڭ دوللار بىلەن نورۋېگىيە ئىككىنچى، 1 مىليون 244 مىڭ دوللار بىلەن سىنگاپور ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئانتالىيادا ساياھەتچى رېكورتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئانتاليا ۋالىيسى مۈنىر قارالئوغلۇنىڭ ئانتالياغا كۈنلۈك كېلىۋاتقان ساياھەتچى سانىدا يېڭى رېكورت بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، ۋالىي قارالئوغلۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مۇبارەك بولسۇن ئانتاليا. كۈنلۈك يولۇچى كىرىش جەھەتتە يەنە رېكورت يارىتىلدى. 2019 – يىلى 8 – ئىيۇندا كەلگەن يولۇچىلار سانى 85205. 2018 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل ئايلىقى %17 لىك ئېشىش بىلەن 570 مىڭ 422 كىشى، يىللىقى %18 لىك ئېشىش بىلەن 3 مىليون 870 مىڭ 211 كىشى ئانتالياغا كەلدى. تېخىمۇ گۈزەل رېكورتلار تىلەيمەن» دېگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئەگە رايونى بىرىنچى چارەكتە 1 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق تاشقى سودا ئوڭ پەرقى ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەگە رايونىدا 2019 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 3 مىليارد 117 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتقا قارشى 4 مىليارد 908 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنىپ، 1 مىليارد 800 مىليون دوللار ئەتراپىدا تاشقى سودا ئوڭ پەرقى يارىتىلغانلىقىنى، ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتقا سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ %157 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«<ستار> گېزىتى»، «مۇكەممەللىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ساياھەتچى ئېقىنىغا ئۇچرىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدىكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئازگال كۆلى بولغان نەمرۇت كۆلىنىڭ، ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە زىيارەتچى ئېقىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ياۋروپانىڭ تاللانغان رايونلار لايىھەسى دائىرىسىدە «مۇكەممەللىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن دېڭىز يۈزىدىن 2250 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان تەڭداشسىز گۈزەللىككە ئىگە نەمرۇت كۆلى رايونىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلەر بىلەن بىرگە، ئىسسىق ۋە سوغۇق  كۆللىرى، مۇز ئۆڭكۈرلىرى، تۇرخۇنلىرى بىلەن زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «مەسئۇت ئۆزىل كۆڭۈللەرنى ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: داڭلىق پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل قىلغان ئىئانىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. داڭلىق پۇتبولچى تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ئارقىلىق تۈركىيە ۋە دۆلەت سۈرىيەدىكى 16 مىڭ يېتىم بالا ۋە موھتاج كىشىگە تاماق بەردى. ئىككى مىڭى سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلار بولۇپ يۈزلەرچە كىشى مەزكۇر ئىئانىدىن سۆيۈندى. پۇتبولچى يەنە، كۆپ سانلىقى ئافرىقىدىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر مىڭ بالىنىڭ ئوپېراتسىيە چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۆزىل نۆۋەتتە تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ قان ۋە كۆك ھۈجەيرە سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر